غۇلجا- موڭغۇلكۈرە تاشيولى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى تاقىلىدۇ

日期:2023年10月12日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت خەۋىرى: «شىنجاڭ قاتناش ساقچىسى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا 10- ئاينىڭ 9- كۈنى «ئۆلكە يولى S237 لىنىيەسىنىڭ غۇلجىدىن موڭغۇلكۈرەگىچە بولغان K46 - K83لىق بۆلىكىدىكى يولدا قاتناشنى تاقاش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىندى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: قىش پەسلىدە ئېغىر قار ئۇچقۇنداش ۋە قار كۆچكۈنى ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغاچقا، قىش پەسلىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن يوليورۇق سوراش ئارقىلىق، 2023- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 10دىن 00 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىلى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى باشقۇرۇپ ئاسراۋاتقان، S237 لىنىيەسى (غۇلجا- موڭغۇلكۈرە لىنىيەسى)نىڭ K46 -K83لىق (نۇراخۇن- موڭغۇلكۈرە) يول بۆلىكى پەسىل خاراكتېرلىك قوش يۆنىلىشلىك تاقىلىدۇ، موڭغۇلكۈرەگە بارىدىغان ئاپتوموبىللار ئايلىنىپ G577 لىنىيەسى بىلەن ماڭىدۇ. تاقىلىش ۋاقتى 2023- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 2024- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە بارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ.