پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنى تۇنجى قېتىم ئىچكى موڭغۇل دالىلىرىدا كۆپەيتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

日期:2023年10月11日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىرجاۋ مېي،ئىختىيارىي مۇخبىرۋۇ يۈنلۇڭخەۋەر قىلىدۇ) ئىككى يىل دالىدا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقاتى مەركىزىدىكى 12 تۇياق پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتى ئاخىر ئىچكى موڭغۇلنىڭ داچىڭشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا «ماكانلاشتى» ھەمئارقا-ئارقىدىن تۆتنى قۇلۇنلىدى، بۇ, پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىچكى موڭغۇل دالىلىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆپەيتىلىشىھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدىكى پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى ئىچكى موڭغۇلنىڭ داچىڭشەنگە «ماكانلاشتى». جاڭ خېفەن فوتوسى

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ ياۋا تۈر توپىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش ئۈچۈن، 2021-يىلى 9-ئايدىن 10-ئايغىچە، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى داچىڭشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدىن كەلتۈرۈلگەن12 پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ياۋايىلاشتۇرۇپ قويۇپ بەرگەن. شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يىراقتىن تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مۇھاپىزەت رايونىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى ئارقىلىق، بۇ پىرژىۋالىسكى ياۋا ئاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن تۆتنى قۇلۇنلىغان، نۆۋەتتە ئىككى توپقا بۆلۈنۈپ داچىڭشەن گۇلۇبەن باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ شىزىگۇ ئەتراپىدا ياشىماقتا.

شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدىكى پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى ئىچكى موڭغۇلنىڭ داچىڭشەنگە «ماكانلاشتى». جاڭ خېفەن فوتوسى

شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدىكى پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى ئىچكى موڭغۇلنىڭ داچىڭشەنگە «ماكانلاشتى». جاڭ خېفەن فوتوسى

«بۇ، پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىچكى موڭغۇل دالىلىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆپەيتىلىشىبولۇپ، داچىڭشەندىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى يەنىمۇ بېيىتتى، پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى خۇابېي رايونى بىلەن ئىچكى موڭغۇل-شىنجاڭ رايونى ئۆتكۈنچى بەلبېغىدىكى تۈر توپىنىڭ كېڭىيىشى ۋە كېڭەيتىپ قويۇپ بېرىلىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى» دېدى داچىڭشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەترايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نيۇ شىشەن.

شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: «ياۋا ئاتنىڭ داچىڭشەنگە ماسلىشىش ئۆتكىلى، كۆپىيىش ئۆتكىلىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىشىنجاڭ بىلەن ئىچكى موڭغۇلدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، داچىڭشەن تېغىنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياۋا ئاتنى مۇۋاپىق ياشاش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن بولدى».

شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدىكى پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى ئىچكى موڭغۇلنىڭ داچىڭشەنگە «ماكانلاشتى». جاڭ خېفەنفوتوسى

پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى يەنە موڭغۇل ياۋا ئېتى،دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۈگۈنكى دۇنيادا بىردىنبىر ھايات قالغان ياۋايى ئات تۈرى، 60 مىليون يىللىق تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە، دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان. ئۇ ئىلگىرى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىدىكى يايلاق-چۆللۈك يايلاق بەلبېغىغا كەڭ تارقالغان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇدىن شىنجاڭغىچە بولغان يايلاق ۋە چۆللۈك يايلاق بەلبېغى پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭئاساسلىق تارىخىي تارقىلىش رايونى ئىدى. 1985-يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ياۋا ئاتنى قايتىدىن كىرگۈزۈش تۈرىنى يولغا قويدى، 40 يىلغا يېقىن بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ سۈنئىي كۆپەيتىلگەن تۈر توپى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، دالىدىكى تۈر توپىمۇ قايتا قۇرۇلۇپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزدىكى تۈرلەرنى قايتىدىن كىرگۈزۈش ۋە خەلقئارا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسىگە ئايلاندى. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ياۋا ئات تۈر توپىنىڭ سانى 700دىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ياۋا ئات سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى