شىنجاڭنىڭ ئالتۇن كۈز ۋاقتى  مول ھوسۇلنىڭ ئەڭ ياخشى رەڭگىگە كىرگەن ۋاقتى

日期:2023年10月11日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئالتۇن رەڭلىك شال، سېرىق رەڭلىك قوناق، ھال رەڭ شاپتۇل، ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولۇپ، ھەممە يەر مول ھوسۇلنىڭ «گۈزەلرەڭگى»گە كىردى.

10-ئاينىڭ 6-كۈنى، كومبايىن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى قۇرباغ كەنتىدىكى شاللىقتا شال يىغماقتا. ھازىر, ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 80 مىڭ مودىن ئارتۇق شال ئورۇش مەزگىلىگە كىردى، 10-ئاينىڭ ئاخىرى ئورۇپ بولۇش مۆلچەرلەنمەكتە.ئېزىز سامساق فوتوسى

10-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى قۇرباغ كەنتىدە، كومبايىندا يىغىۋالغان شاللارنى يۆتكەپ توشۇش ئاپتوموبىلىغا قاچىلىماقتا.ئېزىز سامساق فوتوسى

  ئېگىزدىن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى قۇرباغ كەنتىدىكى شاللىققا نەزەر (10-ئاينىڭ 6-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدىن تارتىلغان).ئېزىز سامساق فوتوسى

 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، باغۋەن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ باغتوغراق يېزىسى يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى باغدا «9-ئايدىكى جۇخارگۈل» شاپتۇلىنى ئۈزمەكتە. ھازىر، يېڭىمەھەللە كەنتىدە 800 مو يەردىكى «9-ئايدىكى جۇخارگۈل» شاپتۇلى ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىمەھەللە كەنتى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، «پارتىيە ياچېيكىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+بازا+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قىزىل ئالۇچا، «9-ئايدىكى جۇخارگۈل» شاپتۇلى قاتارلىق خاس تېرىقچىلىق كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 6-كۈنى، باغۋەنئاۋات ناھىيەسىنىڭ باغتوغراق يېزىسى يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى باغدا«9-ئايدىكى جۇخارگۈل» شاپتۇللىرىنى ئۈزمەكتە.باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئىشچىلار ساۋەن شەھىرى دۇڭۋەن بازىرى نىڭجياخې كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ جىنشورۇن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ساۋەن شۆبە شىركىتىنىڭ قۇرۇتۇش مەيدانىدا ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق باشاقلىرىنى ئاپتاپقا سالماقتا. بۇ شىركەت يىلىغا 5000 توننا ئەتراپىدا ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق باشىقى پىششىقلايدۇ، بۇلار ئاساسلىقى شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ۋە گەنسۇ، خېنەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساۋەن شەھىرى دۇڭۋەن بازىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كارخانىلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + كارخانا + دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، «ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش» پۈتۈن زەنجىرىنىڭ يوچۇقسىز جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

  10-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساۋەن شەھىرىنىڭ دۇڭۋەن بازىرى نىڭجياخې كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ جىنشورۇن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ساۋەن شۆبە شىركىتىدە ئىشچىلار دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلانغان قوناق ئۇرۇقىنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساۋەن شەھىرىنىڭ دۇڭۋەن بازىرى نىڭجياخې كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ جىنشورۇن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ساۋەن شۆبە شىركىتىدە تېخنىك خادىم قوناق ئۇرۇقىنىڭ بىخلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

10-ئاينىڭ 4-كۈنى، كومبايىن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئايباغ بازىرى بەخت كەنتىدە سىلوس قونىقى ئورۇماقتا. ھازىر، ئاۋات ناھىيەسىدە تېرىلغان 209 مىڭ 200 مو ئېڭىز قونىقى كەينى كەينىدىن پىشتى، دېھقانلار دېھقانچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇپ، سىلوس ياساپ، چارۋىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشى ئۈچۈن «قۇۋۋەتلىك ئوزۇق» تەييارلىدى.باۋ لياڭتىڭ فوتوسى