شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى

日期:2023年10月02日
来源:天山网
【字体:

​ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى، خې جۇڭيوۋ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى

9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئۇلۇغۋار روھ دۇنيادا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ، روھ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.

ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆكتە جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، جاڭ جۇ، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى. خې جۇڭيوۋ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

سائەت 11دە، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىشى بىلەن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، جۇشقۇن ناخشا ساداسى خاتىرە مۇنارى ئاسمىنىدا ياڭرىدى.

دۆلەت شېئىرى ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا باتۇرلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە باتۇرلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پىيونېرلار «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى»نى ئېيتتى، بىرلىكتە پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بېرىپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئۈچۈن ناخشا ئېيتىپ، ساداقەتمەن روھىغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

ئارقىدىن، چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى» ياڭرىدى، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئامما، پىيونېرلارنىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان چوڭ تىپتىكى توققۇز گۈل سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا قاراپ مېڭىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىنىڭ ئالدىغا رەتلىك تىزىپ قويدى. گۈل سېۋىتىنىڭ قىزىل لېنتىسىدىكى «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك چوڭ خەتلەر كۆزنى چاقنىتاتتى، ئۇنىڭغا 25 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چەكسىز ياد ئېتىشى ۋە ئالىي ئېھتىرامى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ تەمكىن قىياپەتتە پەلەمپەي بىلەن خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىگە چىقىپ، گۈل سېۋىتى ئالدىدا توختاپ، زەن قويۇپ قارىدى، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلىدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىللەر ئاستا قەدەم بىلەن ئايلىنىپ مېڭىپ، بىرلىكتە خاتىرە مۇنارىغا ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قارىدى.

مۇراسىمغا قاتناشقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: ئالغا ئىلگىرىلەش ئەڭ چوڭقۇر خاتىرىلەش، كۈرەش قىلىش ئەڭ كۈچلۈك ۋارىسلىق قىلىش. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ دېگەن مەنزىل ۋە تۆھپە يارىتىشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يولنى بويلاپ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار قاتناشتى.