​دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك

日期:2023年10月02日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى​

دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 1 - قېتىملىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەملىكەتلىك يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت كارخانىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئورنى مۇھىم، رولى ئاچقۇچلۇق، تەڭداشسىز. بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «تۈۋرۈكلۈك» «ئاساسىي قوشۇن»لۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش قاتارلىق تۈۋرۈك كەسىپلەرنى زورايتىپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئاشلىق - ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئۇدۇللاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، كۈچەپ شىنجاڭنىڭ خاس زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى چۆرىدەپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپنى كونترول قىلىش، بىخەتەرلىككە تىرەك بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارلاشقان تىجارەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى پەن - تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلارنى باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەپ قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئېغىر خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تىجارەت خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلۈكلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قەرز، پۇل مۇئامىلە، كۆپ مىقدارلىق سودا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ساغلام بولۇشى، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار تارماقلار، كارخانىلار ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىستېما قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشى كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ىنى چىڭىتىپ، كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ۋاڭ گاڭ يىغىنغا قاتناشتى.