مايتاغ نېفىت - خىمىيە ئېتىلېن تۈرى، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش تۈرى، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى 2 - لىنىيەسى تۈرىدە ئىش باشلاندى

日期:2023年09月30日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مايتاغ نېفىت - خىمىيە ئېتىلېن تۈرى، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش تۈرى، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى 2 - لىنىيەسى تۈرىدە ئىش باشلاندى

ما شىڭرۇي قاتناشتى، ئەركىن تۇنىياز، دەي خوۋلياڭ سۆز قىلدى، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مايتاغ نېفىت - خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتى تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش 2 - قارارلىق تۈرى، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش تۈرى، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى 2 - لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش تۈرى قاتارلىق ئۈچ زور تۈردە بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلاندى، ئىش باشلاش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر دەي خوۋلياڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.

جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتى تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش 2 - قارارلىق تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىلىغا 2 مىليون توننىدىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك پولى ئولېفىن ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق كاۋچۇك ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 750 كىلوۋولتلۇق چوڭ ئايلانما تور شەكىللىنىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز، شامال، يورۇقلۇق، زاپاس ساقلاش بايلىقىنى ئېچىشنى تور رامكىسى تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ قۇرۇلىدىغان 2 - لىنىيەسى بۇلاق ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى جياڭجۈنمياۋ ۋوگزالىغىچە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 399.9 كىلومېتىر كېلىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن كۆمۈر قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنى شىنجاڭدىن چىقىرىشتا شىمالىي قىسىمدىكى ئالتۇن يولغا ئايلىنىدۇ.

ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ئۈچ زور تۈردە ئىش باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن تۈر قۇرغۇچىلىرىغا سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈچ زور تۈر شىنجاڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدىغان زور قۇرۇلۇش، شۇنداقلا «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى يېتەكچى خاراكتېرلىك تۈر. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملىشى كېرەك. ئۈچ زور تۈرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئېففېكتى ۋە مۇھىم ئامىللارنى توپلاش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىنى پۇختىلاش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەت قىلىش، پۈتۈن مۇھىم ئامىللىق تەقسىملەش، ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زور تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشى، بالدۇرراق پۈتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

دەي خوۋلياڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا سىن ئارقىلىق قاتناشتى ھەم سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان رايون. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق 12 بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىسى چارلاش - ئېچىش، نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى، پۇل مۇئامىلە - ئەشيا ئوبوروتى، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردە تېز تەرەققىي قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. بىز جاسارەت بىلەن تارىم 2 - قارارلىق ئېتىلېن قۇرۇلۇشىنى يېشىل قۇرۇلۇش، ئۈنۈم قۇرۇلۇشى، قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ بەرپا قىلىمىز.

جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور ۋاڭ خەيخۇەي سۆزىدە مۇنداق دېدى: جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى ھەم كۆپەيتىپ قۇرۇلىدىغان 2 - لىنىيە قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، يىلىغا 150 مىليون توننا كۆمۈر توشۇش مۆلچەرلەندى، بۇ، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»قا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئالاھىدىلىكى، كەسىپ ئاساسى بىلەن جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تۈرلەرنى تۇتۇشنى كۈچەيتىش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، توختىماي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىشلەپ، جان تىكىپ ئىشلەپ، تۈر، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە ئىلگىرىلەش بولۇش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت بەرگەن ئالاھىدە قوللاش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش - ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ياردەم قىلىش - يۆلەش سىياسەتلىرىدىن، مەبلەغ ۋە تۈرلەردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كۆمۈر قاتلىمى گازى، يېشىل كانچىلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تۈر قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى قاتارلىق مەبلەغ سېلىشنىڭ يېڭى شىددەت بىلەن ئېشىش نۇقتىلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، تۈرلەرنى زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، سودىگەر چاقىرىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاش كېرەك. مەبلەغ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. دىققەتنى يىللىق خىزمەت نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن ئىش باشلاش مۇراسىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ليۇ سۇشې، ۋاڭ گاڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، لەنجوۋ تۆمۈريول نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، تارماقلار ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمەن كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.