جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەبرىك سۆزى، تەبرىك خېتى، جاۋابەن يازغان خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

日期:2023年09月30日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەبرىك سۆزى، تەبرىك خېتى، جاۋابەن يازغان خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 8 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجىنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجىنىڭ جېجياڭ ۋە شەندۇڭ زاۋجۇاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى، خاڭجوۋ 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى قارشى ئېلىش زىياپىتىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يېقىندا ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، باش شۇجىنىڭ 6 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ھەمدە يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋابەن يازغان خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرۇسى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىشتىن ئىبارەت ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ ساقلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ كېڭەيتىش، مەخسۇسلاشتۇرۇشقا كۈچەش، ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ ھەم ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش - نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 8 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسىپلەشكەن، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىنى تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونى ۋە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋزەل ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە تەرەققىياتقا پائال يېتەكلەپ، سانائەتنى رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىدىغان، زەنجىرنى تولۇقلايدىغان، زەنجىرنى كېڭەيتىدىغان، زەنجىرنى كۈچەيتىدىغان بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جېجياڭ ۋە شەندۇڭ زاۋجۇاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ يول ئېچىپ، باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى، رايون ئارىسىدىكى پەرقنى، كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى تېخنىكا، يېڭى نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خاڭجوۋ 19 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى قارشى ئېلىش زىياپىتىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈش «شەرق شامىلى»دىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، تەنتەربىيەنى ۋاسىتە قىلىپ، تاشقى ئالاقە، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قېرىنداش ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 6 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللاپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، پاختا، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرگە قايتۇرغان جاۋاب خېتى، 2023 - يىللىق بېيجىڭ مەدەنىيەت مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى، شەرقىي شىمال داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرغان جاۋاب خېتى ھەمدە يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش باشلىقلار مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش كېرەك. شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ يۆنىلىشلىك چوڭ يول ياساشقا يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق يول تورىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچلۈك قاتناش تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.