يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2023年09月30日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش» بويىچە مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يېقىندا ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش» بويىچە مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش، تونۇش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى ۋە ئۇنى پىلانلىدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چۈشەنچىسى، تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سۆز قىلىش ماتېرىيالىنى پۇختا تەييارلىدى. يىغىندا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نۇرغۇن زېھنىي كۈچى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. باش شۇجى ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، سەمىمىي تاپشۇرۇقى چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان، ۋەزنى ئېغىر، مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئۆگىنىش قانچە چوڭقۇرلاشقانسىرى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ بىز ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق سىياسىي جەھەتتىكى تەربىيەلىنىش، نەزەرىيە جەھەتتىكى تاۋلىنىش، ئىدىيە جەھەتتىكى چېنىقىش ئىكەنلىكىنى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى بىلەن تومۇرداش ئىكەنلىكى، ئىزچىللىقنى ساقلىغانلىقىنى شۇنچە ھېس قىلدۇق، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلھاملاندۇرۇشى، مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ قىلغان سۆزىدە باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان چىن قەلبىدىن ئۇرغۇغان ھۆرمەت ۋە قەدىرلەش تولۇق نامايان قىلىندى، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى ۋە چىن قەلبىدىن ھېس قىلغانلىرى نامايان قىلىندى، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادە نامايان قىلىندى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، باش شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تۇتاشتۇرۇپ باغلاپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، پەرقلەرنى تۈزەپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. مەسىلە يۆنىلىشىنى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ خىزمىتى باشتىن - ئاخىر باش شۇجى كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ ئىش. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يولنى بويلاپ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيەنى تىرىشىپ ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.