باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى توپلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

日期:2023年09月30日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى توپلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت قوش بايرام يېتىپ كەلگەن پەيتتە، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، پائال تۈردە ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ توپلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى سۇڭ ياجۈن، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جاڭ خۇي، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ما خۇادۇڭ، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى باۋ ئەنمىڭ، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مېڭ چىڭسەي، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ليۇ تاۋ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ ۋېي، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زات، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەزىرە نىغمەت قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر - يېزىلىرىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، مالىيە - بوغالتىرلىقنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، كۆمۈرگە ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلىك مېتال قېزىلمىلارنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ھېس قىلغانلىرىنى، تەسىراتلىرىنى كەڭ - كۇشادە سۆزلەپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. ما شىڭرۇي سۆزلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆپچىلىكنىڭ سۆزىدە شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق تولۇق نامايان قىلىندى، ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىشى، تولۇق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ، خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يەنە بىر قېتىم شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا «يېتەكچى شاھمات ئۇرۇقى»نى بېسىپ بېرىپ، مېتودولوگىيە ئۆگىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بىزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا يېڭى ۋەزىپە يۈكلىدى، شىنجاڭدىن يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتتى، شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن - ئاخىر پوزىتسىيەسى ئېنىق، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇپ، تونۇشتا مۈجمەل بولماسلىق، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىكنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقنى باشتىن - ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ھەمكارلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئىختىساسلىقلار يىغىلىش، ئەقلىي كۈچ توپلىنىش، ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇش، يوللار راۋان بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپرەك ياخشى مەسلىھەت بېرىش، كۆپرەك ياخشى تەكلىپ بېرىش، كۆپرەك ياخشى تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار بىلەن ئالاقە باغلاش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى پارتىيە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇشقا، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇشقا، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە مېڭىشقا پائال يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك، بولۇپمۇ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار بەنزىنى ياخشى تۇتۇپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، تىرىشىپ سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، تەشكىلىي جەھەتتە مۇستەھكەم، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك، ئىستىلى ياخشى، تۈزۈمى تاكامۇللاشقان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، تىرىشىپ سۇپا ھازىرلاپ، شارائىت يارىتىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىر مەقسەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ نادىر سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىدۇ.

جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ليۇ خۇيجۈن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.