ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنى يېپىلدى

日期:2023年09月30日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنى يېپىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 56 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش قائىدىسى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەيياڭ شەھەرلىك 1 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قارارى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ياۋا مېۋە ئورمىنى بايلىقىنى قوغداش نىزامى» «قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا يول يۈزىنى تېيىلمايدىغان قىلىش بەلگىلىمىسى» «قاراماي شەھىرىنىڭ مەدەنىي ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەھەر موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» «تۇرپان شەھىرىنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش نىزامى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تەيىننامە تارقىتىپ بېرىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇنچىللىق بىلەن تەمىنلەش، نازارەتچىلىك ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، قارار ئارقىلىق تىرەك بولۇش قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەردان مۇقىيىت، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دىلشات سايىم، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇزېيدا ساقلاش ۋە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش − تۇرپان مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مىسال قىلىش» دېگەن تېمىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق ماس قەدەمدە ئۆگەندى.

9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇلىدىغان تەكلىپلەر بېكىتىلدى.