ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2023年09月29日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئىگىلىكى ھېسابات تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى كۈچەيتىش خىزمىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى، جۇڭچيۇ ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكىلەر سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى باش پىرىنسىپ ۋە ئالىي پىرىنسىپ قىلىپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە خىزمەتلەرنى پىلانلىشى، ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېتى چاقىرىق قىلسا ھۆكۈمەت ھەرىكەتكە كېلىش، پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلسا ھۆكۈمەت ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا ئىستىلنى ياخشىلاشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىياز يوق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. خەلقئارا بازار ئېچىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك كۆرگەزمىلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ زاكازنى مۇقىملاشتۇرۇپ بازار ئېچىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، خەلقئارا سودىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئالاقىدار دۆلەت(رايون)لەر بىلەن ئورناتقان تۈرلۈك ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى تەلىپى بويىچە، تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك مەھسۇلات ئېكسپورت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، سودا ئوبوروتىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يول ئىقتىسادىنىڭ پورت ئىقتىسادى، كەسىپ ئىقتىسادىغا تېخىمۇ ياخشى ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق ئىگىلىكى ھېسابات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىش تەقسىماتى مۇۋاپىق بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق بەھرىلىنىش تەلىپى بويىچە، سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئىستاتىستىكا ئۇسۇلى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىستاتىستىكا ئۇچۇرلىرىغا تايىنىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكى ھېسابات تارماقلىرىدا ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق تەدبىر بەلگىلەشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، كارخانا ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭچيۇ ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېقىنلاپ قالدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر كاندىن باشقا كانلار، كۆمۈر كانلار، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، مېتال تاۋلاش، قاتناش، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسپ، ساھەلەرگە چىڭ قادىلىپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ساياھەت مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ياخشى قىلىپ، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرى ۋە لىنىيەلەردە ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، يوللاردا قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بايرام مەزگىلىدىكى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى قوغداش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.