​مەۋقەنى خەلق قۇرۇلتىيى فۇنكسىيەسىگە قويۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك

日期:2023年09月29日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى​

مەۋقەنى خەلق قۇرۇلتىيى فۇنكسىيەسىگە قويۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان 22 نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئالتە ۋەكىل پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، ئۇلار باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ، تونۇش ۋە تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى، پىكىر - تەكلىپلەرنى كەڭ - كۇشادە ئوتتۇرىغا قويدى. زۇمرەت ئوبۇل ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل جەملەپ رەتلەپ، پائال قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ياكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بېجىرىشىگە سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋەكىللەرنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن، ئۈلگىلەردىن بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلىشى، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. تەشۋىقات - لېكسىيەنى پائال قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشى، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى توختى ياقۇپ، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.