​سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك

日期:2023年09月29日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى يېپىلدى​

سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، زور ئۈمىد، مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى دائىم ئۆگىنىپ، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش، سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاشقا يېتەكلەش كېرەك؛ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىتتىپاقلىق - بىرلەشمە دوستلۇق قاتارلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش، قانات يايدۇرۇش، ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش روھى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ۋە «مۇجەسسەملەش»تىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە دىپلوماتىيە ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چىقىش قىلىپ، «شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا» كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئاساسىنى بىرلىكتە مۇستەھكەملەپ، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمىتى توغرىسىدا پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق سىياسىي كېڭەشلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات ئورنى خەلقئارا بازار تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شۈ يىڭمىڭ تەكلىپكە بىنائەن «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە شىنجاڭنىڭ ئوچۇق ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم» دېگەن تېمىدا ئۆگىنىش لېكسىيەسى سۆزلىدى.

جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، پۇ شۆمېي، گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.