دوستلۇقنى قەدىرلەپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان «يېڭى يىپەك يولى» ھېكايىسىنى داۋاملىق پۈتۈش

日期:2023年09月29日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى خۇا، خېي خۇڭۋېي، ليۇ شياڭ

چەكسىز كەتكەن قۇم دېڭىزى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۆگە كارۋىنى، ئۆزبېكىستاندىن كەلتۈرۈلگەن خۇش پۇراق ماتېرىيال، رۇدا ياكى جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن فارفور بۇيۇم، چاي، يىپەك لىق قاچىلانغان يۈك - تاقلار... قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزبېكىستاننىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يۈرىكى» دېگەن نامى بار، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت مىڭ يىللىق دوستلۇقنى باشتىن كەچۈردى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسىدا، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، قەدىمىي ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا، «يېڭى يىپەك يولى» ھېكايىسى داۋاملىق پۈتۈلمەكتە.

قاتتىق تۇتاشتۇرۇش

ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە جايلاشقان ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىغا كىرگەندە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىنژېنېرلىرى پات ئارىدا ئىش باشلىنىدىغان ئۆزبېكىستان مۇرۇنتاۋ 500 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور ئىستانسىسى تۈرىنىڭ يىرىك پىلان لايىھەسىگە ئاخىرقى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈۋاتاتتى.

«بۇ تۈر ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.» ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئىمپورت - ئېكسپورت شىركىتى خەلقئارا ئىشلار 3 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى تەن چى مۇنداق دېدى: بۇ تۈر ئۆزبېكىستاننىڭ ناۋايى ئوبلاستىغا جايلاشقان، بۇ ئوبلاستتا چوڭ تىپتىكى سانائەت رايونى بار بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىنى ئىشەنچلىك توك كۈچى ھەم نۇرغۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى 2005 - يىلى ئۆزبېكىستاندا كەسىپنى قانات يايدۇرغان. بۇ يىل 4 - ئايدا، ئۆزبېكىستاننىڭ ساۋدار ۋە 50+135 تۈۋرۈكلۈك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ، سەمەرقەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغىرىشىدا توك قىس بولۇش مەسىلىسى زور دەرىجىدە ھەل قىلىندى ھەم توك ئىشلىتىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىنىپ، توك ئىشلىتىش تەننەرخى تۆۋەنلىدى.

10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، يېشىل بولۇشنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندۇردى.

2022 - يىلى 9 - ئايدا، جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئۆزبېكىستان 521MW شامال ئېلېكتىر تۈرى بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك كېلىشىم ئىمزالىدى. «نۆۋەتتە بۇ تۈر قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، جەمئىي ئون شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قۇراشتۇرۇلۇپ بولدى.» جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئۆزبېكىستان شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ چۈنخەي مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: تۈر پۈتكەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ھەر يىلى 1 مىليون 100 مىڭ توننا كاربون (IV) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بېرىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ 2030 - يىلى يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %25كە ئۆستۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. ھەمكارلىق يولىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ «قاتتىق تۇتاشتۇرۇلۇشى»دىن ئايرىلالمايدۇ.

10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى - سەمەرقەنت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىشنى پىلانلىدى. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن سەمەرقەنت ئارىسىدىكى قەرەللىك بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، شۇ چاغدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىن ئۆزبېكىستانغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىككىگە كۆپىيىپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ سەيلە - ساياھەت، سودا ئالاقىسى ئۈچۈن قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك «بوشلۇق كۆۋرۈكى» بەرپا قىلىنىدۇ.

ھازىر، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك مۇمكىنچىلىك تەتقىقات خىزمىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، تۈر پۈتكەندىن كېيىن لىنىيەدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلاردىكى خەلققە بەخت يارىتىدىغان يەنە بىر ئۇلۇغ قۇرۇلۇش بولۇپ قالىدۇ.

ئۆزبېكىستاندىكى جۇڭگو كارخانىلىرى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ليۇ يۈ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى پۈتكەندىن كېيىن، يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىي قىسىم يولى بەرپا قىلىنىپلا قالماي، يەنە يېڭى قۇرۇقلۇق - دېڭىز يولى بەرپا قىلىنىپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ قاتناش تىرانسپورت لىنىيەسى، ئەندىزىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ھەتتا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ قاتناش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا دېڭىز - قۇرۇقلۇقنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش

سودا، مەبلەغ سېلىش تېخىمۇ ئەركىن، قولايلىق بولۇش

ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ تاشكەنت كوچىلىرىدا ماڭغاندا، شەكلى مودا، ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولغان «جۇڭگودا ياسالغان» يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن دىققىتىنى تارتىدۇ.

تۆت يىل ئىلگىرىلا، ئىلى شىڭخې سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دياۋ جېڭلىن تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن، بۇ بازارغا كۆزى چۈشۈپ، ئۆزبېكىستان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغانىدى.

دياۋ جېڭلىننىڭ قارىشىچە، يەر شارى بويىچە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرى تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سۈپىتى بىلەن بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، تەسىر كۈچى سىجىل ئېشىپ، «سىرتقا چىقىش» قەدىمى تەبىئىيلا تېزلەشكەن.

ھازىر، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، سودا، ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئۇچۇر، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆلچەملەشكەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا يېڭىدىن دەۋر ئىزاھاتى قوشتى.

ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى ئىختىيار نىيازمۇرادوف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت «ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىق»نىڭ ئەڭ ياخشى بىرىكىش قىسمى، تەبىئىي ئۇلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، يەرشارىۋى بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى جەلپ قىلىپ توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تەبىئىي ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

دۆلەت دەرۋازىسىدىن بىللە چىقىرىلىدىغانلىرىدىن يەنە مەبلەغمۇ بار.

«جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ كەسىپلىرى بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك، ئىستىقبالى پارلاق.» شىنجاڭ بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى لى شىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كەلگۈسىدە جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجىنى يەنىمۇ ئىگىلەپ، مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، مۇخبىرلار جۇڭگو تاۋارلىرى ئۆزبېكىستان مەملىكەت سىرتى ئامبىرى مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە زالىغا كىردى، جۇڭگونىڭ نەچچە يۈز خىل ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى.

«ئامباردىكى ماللار تېخىمۇ كۆپ!» دېدى جۇڭگو تاۋارلىرى ئۆزبېكىستان مەملىكەت سىرتى ئامبىرىنىڭ تىجارىتىنى قىلغۇچى تەرەپ بولغان شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى تۇرسۇنئەلى كۇزىيېف.

«ئىلگىرى خېرىدارلار زاكاز قىلغاندىن كېيىن، بىز مالنى دۆلەت ئىچىدىن تېز يوللانما ئارقىلىق مەملىكەت سىرتىغا ئەۋەتەتتۇق، بۇنىڭ ئەشيا ئوبوروت ۋاقتى ئۇزاق، تەننەرخى يۇقىرى ئىدى.» شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ خۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەت سىرتىدىكى ئامبارلار ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن مالنى مەملىكەت سىرتىدىكى ئامبارلارغا تۈركۈملەپ يەتكۈزۈپ، خېرىدارلار زاكاز قىلغاندىن كېيىن بىۋاسىتە مال ئەۋەتسە بولىدىغان بولدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەڭ دائىرىدە تونۇلدى. جاڭ خۇڭپىڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا چېگرا ھالقىغان كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودا سۇپىسى قۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئىناۋەت، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان راسچوت، تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يەر شارى بويىچە كۆپ مىقدارلىق خام ئەشيا تاۋارلىرى نەق مېلىدا چېگرا ھالقىپ دەرھال سودىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئۆزبېكىستان تاشكەنت دۆلەتلىك قاتناش داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى تۇرايېف باھادىر خاتاموۋىچ مۇنداق قارىدى: يەر شارىۋى رەقەملەشتۈرۈش سودا ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بۇ جەرياندا ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالاھىدە پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، مەكتىپىمىزمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، رەقەم دەۋرىدىكى خىرىس ۋە پۇرسەتنى كۈتۈۋالىدۇ.

قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش

ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىدە يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش

1300 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شۈەنزاڭ ھەزرەت «يېرى مۇنبەت، ئېكىنزارلىقلار زىرائەتلەرگە تولغان، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەن، باغلار مېۋىلەرگە تولغان ئىكەن، بۇ يەردە نەسىللىك ئاتلار كۆپ چىقىدىكەن» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن سەمەرقەنتنىڭ باي - باياشات گۈزەل مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن.

يىپەك يولى ئارقىلىق جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسى سىجىل چوڭقۇرلاشتى.

كۇڭزى شۆيۈەنى تاشكەنت ۋە سەمەرقەنتتە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، جۇڭگو تىل - يېزىقىنى بىلىدىغان زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى؛ خارەزىم ئوبلاستى تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، مىڭتاپ خارابىسى، كاڭجۈ مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئون كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقى كۈچ توپلاپ ئاتلىنىشقا ھازىرلاندى.

يىپەك يولى خەلقئارا ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى زوۋ توڭچيەن مۇنداق بىلدۈردى: كەلگۈسىدە جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت نۇرغۇن ساھەلەردە ياخشى ھەمكارلىق ئىستىقبالىغا ئىگە بولىدۇ، بولۇپمۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى شىنجاڭ تېخىمۇ زور پۇرسەتنى كۈتۈۋالىدۇ. ساياھەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئۆزبېكىستاننىڭ مول ساياھەت بايلىقىنى جۇڭگونىڭ كەڭ ئىستېمال بازىرى بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

«بىز ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىشتىن پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولۇۋاتىمىز.» شىنجاڭ يوۋچېڭ ئاپتوموبىل مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سۈن شىن ئۆزبېكىستاننىڭ ساياھەت بازىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا بولغان قىزىقىشى كۈنسېرى كۈچەيدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىلەرمۇ جۇڭگوغا كەلمەكچى بولدى.

دورا ھىدى قەدىمدىن ۋە ھازىردىن ھالقىدى. 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا جۇڭيى دورىلىرى قەدىمكى يىپەك يولىنى بويلاپ دۇنياغا تارقالغان. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكى - دورىگەرلىكى تېز سۈرئەتتە چەت ئەللەرگە يۈزلەندى.

«جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەن خىتابنامىسى» «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى نەتىجە تىزىملىكى» جۇڭيى دورىلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك، ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭيى دورىلىرى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى.

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مۇخبىرلار تاشكەنتتىكى جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تېببىي دورا پەن - تېخنىكا شەھەرچىسىگە كىردى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىنىڭ نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ جاي جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش، دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال مەملىكەت سىرتى بازىسى بولۇپ قالدى.

ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسۈملۈك - خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شامەنسۇر ساغدۇللايېف مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزبېكىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت بىيو تېببىي دورىگەرلىك ساھەسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردە يۆتكىلىپ ئايلاندۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

گەرچە باشقا - باشقا جايدا بولساقمۇ، لېكىن ئوخشاش بىر ئاسماننىڭ ئاستىدا ياشايمىز. ئۆزبېكىستان جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى. «بىر بەلباغ، بىر يول» شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چەكسىز ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىمەكتە.