​بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2023年09月29日
来源:天山网
【字体:

جاڭ چۇنلىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، فۇكاڭ، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مالىيە - ئىقتىساد ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۇنلىن فۇكاڭ شەھىرى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا بېرىپ، شەرقىي جۇڭغار جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى تۈرى نەق مەيدانى، شىنجاڭ لۇڭيۈ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، چىيا شىنجاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش قىلىنىش ئەھۋالى، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى ماسلاشتۇردى.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېقىلغۇ گاز، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، سانائەت - سودا، قاتناش - تىرانسپورت، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەرگە چىڭ قادىلىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى يول قاتنىشىنىڭ ئەمەلىي ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، شوپۇرلارغا بولغان بىخەتەرلىك ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، «مەجبۇرىي ئايرىش» مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، يولنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، شەرقىي جۇڭغار جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولىدا بالدۇرراق قاتناش باشلاپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.