​گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك

日期:2023年09月29日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى​

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئۈرۈمچىدە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قادېن كەبىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدە رولىنى تولۇق تونۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىۋىيلىكى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە ساقلانغان كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش، ئەستايىدىل كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭدۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سالاپىتىنى، قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى نېگىز قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، خىزمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ خاسلىقى، ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.