تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىيات مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

日期:2023年09月29日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىيات مۇنبىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو خەلق داشۆسى، نەنكەي داشۆ قاتارلىق ئىجتىمائىي پەن ئاپپاراتلىرى، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن شىنجاڭغا ئالاقىدار تەتقىقات ساھەسىدىكى 12 مۇتەخەسسىس، ئالىم «ئەركىنلىك. قەدىر - قىممەت: شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەمگىكىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى.

«تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما يېڭى تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، قورساق تويغۇزۇشتىن ياخشى تاماق يېيىشكىچە، كىيىمى پۈتۈن بولۇشتىن چىرايلىق كىيىنىشكىچە، ئېشەك ھارۋىسىدا يول يۈرۈشتىن زامانىۋى قاتناش قوراللىرىدا يول يۈرۈشكىچە، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى.» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ جيەنيىڭ «ئۆزئالدىغا ئەمگەك قىلىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ كاپالىتى» دېگەن باش تېمىدا سۆز قىلدى؛ جۇڭگو خەلق داشۆسى قانۇنشۇناسلىق شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جۇ لىيۈ جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مەيدانى ۋە نەزەرىيە ئاساسىنى بايان قىلدى؛ نەنكەي داشۆ كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور چاڭ جيەن سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى قەدىر - قىممىتى بىلەن خىزمەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە پائال ۋە مول ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

مۇنبەردە، 12 مۇتەخەسسىس، ئالىم شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە كاپالەتلىك قىلغانلىقى، بولۇپمۇ ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ھەمبەھرىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر، ئىختىيارىي، ئۆز ئالدىغا، ئەركىن، قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلغانلىقىدەك ماھىيەتنى نامايان قىلدى، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش شىنجاڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» سەپسەتىسى ۋە «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» رەزىل سۇيىقەستىنى پاش قىلدى.

بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان. شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ شىجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەركىن، قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش ياراتقانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتنى نامايان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئەھۋالىغا قارىتا قىلغان تۆھمەتلىرى ۋە قارا چاپلاشلىرىغا رەددىيە بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېڭى ئىلمىي مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.