شىنجاڭ ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتتى گۇۋاھنامە ئالغان ئالاقىدار خادىملار ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

日期:2023年09月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ۋە ئۆز رايونىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر (تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى ۋە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ نۇقتىلىق ساھە، جىددىي ئېھتىياجلىق كەمچىل كەسىپ (ئىش تۈرى) بويىچە ماھارەت تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلار قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا يۈزلىنىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش كېرەك. «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى + ماھارەت + سىياسەت، قانۇن-نىزام» بىرىكمە شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇل مەبلىغى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى مەخسۇس ھېساباتى مەبلىغى، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش خىراجىتى قاتارلىق مەبلەغلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە كەسپىي تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللاش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ياكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالغۇچىلار كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى ئالغان بولسا، گۇۋاھنامە ئالغان بىر يىل ئىچىدە تۆۋەن دەرىجىلىك (5-دەرىجىلىك) 1000 يۈەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك (4-دەرىجىلىك) 1500 يۈەن، يۇقىرى دەرىجىلىك (3-دەرىجىلىك) 2000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ يىللىق ياردەم تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، سىياسەتنى يولغا قويۇش مۇددىتى 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.