باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى ۋە 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

日期:2023年09月23日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى ۋە 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ھەم مەملىكەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش كاتىپلىرى يىغىنىنىڭ روھى، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ۋە 6 ـ نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقى ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ يولداش ۋاڭ خۇنىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھى ھەمدە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەت تەلىپى مۇھاكىمە قىلىندى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى؛ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى، مالىيە ـ بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ۋە غەمخورلۇقى، زور ئۈمىدىنى «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى، ياردەمچىسى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان گۈزەل شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، ماللارنىڭ يىغىلىشىنى كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىغا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «شىنجاڭ ـ تەيۋەن ئىككى جايدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» قاتارلىق داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ۋە تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، سىردىشىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ سۇپا ھازىرلاش، تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىش، تېخىمۇ ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى، شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئەمەلىيەت يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ۋە توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى، ھازىر، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ۋەزىپىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، تىزىملىك تۇرغۇزۇپ تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ تۈرلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، قوبۇل قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى 9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش مۇستەھكەم، كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

يىغىندا ئۈرۈمچى قاتارلىق 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى (2021 ـ يىلىدىن 2035 ـ يىلىغىچە)نى تۈزۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتەك سىياسىي ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ، پىلانلاش، لايىھەلەشنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ رايون ئورنى، بايلىق، ئېچىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، كەسىپ ۋە نوپۇسنىڭ توپلىنىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى، جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، شەھەرنى تۈجىپىلىك باشقۇرۇش ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر تەرەققىياتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

يىغىندا مالىيە ـ بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ مالىيە ـ بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش تۈرتكە بولۇش كېرەك، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى مالىيە ـ بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، ھەرقايسى نازارەتچىلىك سۇبيېكتلىرى «كىم ئاساسلىق باشقۇرسا شۇ مەسئۇل بولۇش، كىم نازارەت قىلسا شۇ مەسئۇل بولۇش، كىم تەكشۈرسە شۇ مەسئۇل بولۇش» پىرىنسىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى مالىيە ـ بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكىدىكى ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇشى كېرەك، ھەرقايسى ئورۇنلار ئىچكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مالىيە ـ بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكىنىڭ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.