قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

日期:2023年09月23日
来源:新疆日报
【字体:

− 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى پۈتۈن شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، ھەرقايسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن روھ بىلەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەيمىز

«مەن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم، ھەسسىلەپ روھلاندىم. 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم قوللانمىسى بولۇپ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى» دېدى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى نىڭ ۋېي.

نىڭ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەردە ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلغان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش خىزمەت تەلىپىنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جياڭسۇنىڭ ئارقا سەپ بايلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرىمىز.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇدا توققۇز قېتىم يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئامما شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مول نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە نىسبەتەن ئۈمىدكە تولدۇق.» بۇرچىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، بۇرچىن ناھىيەسى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش، سودىگەر چاقىرىش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ساياھەت ئىختىساسلىقلىرى ئۆزئارا ئالاقە قىلىش، تەتقىقات ـ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن سىجىل تۈردە چوڭقۇر ھەمكارلىشىدۇ. شىنجاڭغا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن تۇتۇش قىلىش ئارقىلىق، بىر قاتار ئۇللۇق، بۆسۈش خاراكتېرلىك خىزمەت تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا، ئەمەلىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەيمىز

ئۇزاقتىن بۇيان، شاڭخەيدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا رىشتە باغلىدى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئاساس قىلىپ، «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شاڭخەي ـ قەشقەر ئىككى جاينىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى.

«شاڭخەيدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ چىن ھېسسىياتىم بىلەن تۆھپە قوشىمەن. كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ما جې.

9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ئاتۇش شەھىرىگە جايلاشقان قىزىلسۇ ئوبلاستى جياڭسۇ كەسىپلەر باغچىسى (ئاقچى ناھىيەسى ۋۇشى باغچىسى) ئېچىلدى، باغچە رايونىغا جەلپ قىلىنىپ ماكانلاشقان تۇنجى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، فېيفېڭ ئاپتوموبىل كەسپى (قىزىلسۇ ئوبلاستى) چەكلىك شىركىتى تەڭلا تىجارەت باشلىدى. بۇ شىركەتنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 10 مىليون يۈەن بولۇپ، 2023 ـ يىلى 6 ـ ئايدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىغان، نۆۋەتتە ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدىن 35 كىشىنى قوبۇل قىلدى، يىل ئاخىرىغىچە سېتىش سوممىسىنى 6 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى، كېيىنكى تۈرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتكەندىن كېيىن، ئاقچى ناھىيەسىدىكى 80 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، يىللىق سېتىش سوممىسى 30 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

«ئاقچى ناھىيەسىگە ماكانلىشىشتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شەرق شامىلىدىن پايدىلاندۇق، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات داۋامىدا، بىز 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانا ۋە شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى فېيفېڭ ئاپتوموبىل كەسپى (قىزىلسۇ ئوبلاستى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تۇ چىفېڭ.

مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ماناس ناھىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ماناس ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلار مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىدۇ.» ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ماناس ناھىيەسى بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، پۈتۈن رايون ساياھىتى، سودا ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك نۇقتىلىق كەسىپنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو زۇمرەت شەھىرى، جۇڭگو ئۈزۈم ھارىقى شەھىرى، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، دۆلەت ئورمان باغچىسىدىن ئىبارەت «تۆت نام كارتىسى»نىڭ نامىنى چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى، شىنجاڭ بويىچە پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.

«شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى بىز ئاساسىي قاتلام يېزا ـ بازار كادىرلىرى ۋە ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. بۇ بىرنەچچە يىلدا، بىز بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈرلەرنى تۇتۇپ، قوشۇن قۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بۇيا يېزىسىدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقنىڭ ھەممىلا يېرىدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلارنىڭ كۈرەش ئىزلىرىنى قالدۇردۇق.» لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو جىچياڭ مۇنداق دېدى: بۇيا يېزىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ.