ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

日期:2023年09月23日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 ـ يىغىنىنى 9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، 13 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 8 ـ قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 ـ يىغىنىنى 9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4 ـ يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپى، سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى چارىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش ئۇچۇر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» «ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەشۋىقات، لېكسىيە، تەشۋىق ـ تەربىيە خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش توغرىسىدىكى پىكىر» پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا دىققەت «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»قا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قانات يايدۇرۇلدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ يىغىن تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدار قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ يىغىندا سۆز قىلىشنى ياخشى تەشكىللەپ، يىغىن ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، بۇ قېتىمقى يىغىنغا يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: يىغىندا ماقۇللانغان ئۈچ ھۆججەت يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر. جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش ئۇچۇر خىزمىتى سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىدىكى مۇھىم ئۇسۇل ۋە ئۆز ساھەسىدىكى ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك، ۋاسىتە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى چۈشىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەزالارنىڭ توغرا ھەم ئېنىق چۈشەنچىسىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشىغا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئومۇمىي خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا پايدىلىق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەشۋىقات، لېكسىيە، تەشۋىق ـ تەربىيە خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، تەشۋىقات كەڭ دائىرىلىك بولۇش، لېكسىيە چوڭقۇر بولۇش، تەشۋىق ـ تەربىيەنىڭ ئىللىق ھارارىتى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە قوللىشىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.