خېنەن ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى

日期:2023年09月23日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى.

خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى سۈن شوۋگاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

سۈن شوۋگاڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خېنەننىڭ خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ياردەم بەرگەنلىكى ۋە خېنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، خېنەننىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «14 ـ بەش يىللىق» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى رەتلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن خېنەن تۆھپىسىنى قوشىمىز.

چېن ۋېيجۈن مۇنداق دېدى: 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلغان پەيتتە، خېنەن ئۆلكىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشىپ، خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مەدەنىيەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۇەن 13 ـ شى شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، خېنەن بىلەن شىنجاڭ ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ئېزىز مۇسا، خا زېڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.