ئاپتونوم رايون بويىچە يەككە ئايدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى تۇنجى قېتىم 40 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

日期:2023年09月23日
来源:新疆日报
【字体:

8 ـ ئايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %400 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 8 ـ ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 40 مىليون 131 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %400.1 ئېشىپ، يەككە ئايدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئادەم قېتىم سانى تۇنجى قېتىم 40 مىليونلۇق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 48 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %634.98 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق جەرياننىڭ كۆرۈلۈش ۋاقتى بالدۇر، تەسىر دائىرىسى كەڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ، شىنجاڭغا كېلىپ سالقىنداش ساياھىتىگە بولغان ئېھتىياج تېز ئاشتى. «2023 ـ يىللىق ياز مەزگىلىدىكى ساياھەت بازىرى توغرىسىدىكى دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ياز مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى سىجىل ئېشىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى زاكاز قىلغان ئادەم قېتىم سانى 2019 ـ يىلىدىكى %315كە ئەسلىگە كەلگەن، نىشانلانغان جاي شىنجاڭ بولغان ياز مەزگىلىدىكى زاكاز تالونلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91 ئاشقان، ئۆلكە ھالقىغان زاكاز تالونلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60كە يېقىن بولغان. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق كەڭلىك ۋە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان رايونلار سالقىنداش ساياھىتىدىكى ئالقىشلانغان مەنزىلگاھقا ئايلانغان. ئالتاي شەھىرى مەملىكەت بويىچە «2023 سالقىنداش ساياھىتىدىكى ئالدىن تاللايدىغان جاي» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ساياھەت بازىرى «ئەڭ ئاۋات يازلىق مەزگىل»نى كۈتۈۋالدى، تەتقىقات ـ ئۆگىنىش ساياھىتى، چوڭقۇرلاپ ساياھەت قىلىش قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. شىنجاڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان قىممەتلىك بۇيۇملار ھەم گۇگۇڭ سارىيى زالى، دۆلەت مۇزېيى زالىدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى زور تۈركۈمدىكى كۆرۈرمەننى جەلپ قىلغان بولۇپ، كۈندىلىك ساياھەتچى ئېقىمى 10 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. خوتەن ۋىلايىتى يوتقان قەدىمىي شەھىرى، خوتەن مۇزېيىغا تايىنىپ، چۆكۈش شەكلىدىكى تەتقىقات ـ ئۆگىنىش تۈرىنى يارىتىپ، زور تۈركۈمدىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى جەلپ قىلغان. شيېچېڭ سۇپىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ياز مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ـ ئۆگىنىش، تەتقىقات ـ ئۆگىنىش مەھسۇلاتلىرىغا تىزىملاتقان ئادەم قېتىم سانى ئۈچ يىلدىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %298 ئاشقان.

8 ـ ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار شەكلى كۆپ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى 100 مىڭغا يېقىن ئادەم قېتىمنى تىياتىرخانىغا كىرىشكە جەلپ قىلدى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2023 «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدە، كۈتۈۋېلىنغان ئېكسكۇرسىيەچى جەمئىي 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «لاڭلاڭ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى» مۇزىكا كېچىلىكى، مىدى مۇزىكا بايرىمى قاتارلىقلار ھەر مىللەت ئاممىغا ئېسىل «مەدەنىيەت ئوزۇقى»نى يەتكۈزدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستىراھەت كوچا رايونلىرىدا قىزغىنلىق پەسەيمىدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ئوتتۇرىغا چىقارغان شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى، مىڭ يىللىق يىپەك يولى تۆگە كارۋىنى، قەدىمىي شەھەردە ساياھەت قىلىش، سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى جاي ـ جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، 8 ـ ئايدا جەمئىي 1 مىليون 230 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى 8 ـ ئايدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 120 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.