شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇش «سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى» چىقىرىلدى

日期:2023年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

− 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن خاتىرە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى، يىغىندا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، تەجرىبە ۋە ئۇسۇللار ئالماشتۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش «سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى» چىقىرىلدى.

ئىككى يېرىم كۈن ئىچىدە، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا كۆردى ۋە تەكشۈردى، خىزمەت يىغىنىغا قاتنىشىپ كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىنى قانات يايدۇرۇپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پىكىر يولى ۋە يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئىشەنچ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر پىلانلىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇدا توققۇز قېتىم يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، پىلاننىڭ چوڭقۇرلۇقىنى نامايان قىلدى، بۇ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سالمىقىنىڭ زورلۇقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

بىر ئاينىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئېنىق ئېسىدە.

يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى سىياسىي ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن تونۇدى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا شىنجاڭدا خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولىمىز».

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولىمىز».

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرىمىز».

...

كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا ھازىرقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يەنە ئۈزلۈكسىز كۈچەشكە، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلىق خىزمەتلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر چوڭقۇر پىلانلىنىپ، ياردەم بەرگۈچى، ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن «يول خەرىتىسى» سىزىپ بېرىلدى.

يېڭى مۇساپىدە تۇرۇپ ئەسلەپ ئۆتسەك، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مول نەتىجىلىرى ئەينەن نامايان بولىدۇ.

10 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى، جەمئىي 170 مىليارد يۈەنگە يېقىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېقىنقى ئىككى يىلدا 39 مىليارد 778 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 5125 تۈر يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇلدى.

قۇدرەتلىك ئىشەنچ ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدى

ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ھەم نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى بىر قېتىملىق ئىشەنچ ۋە كۈچنى چوڭقۇر مۇجەسسەملەش ھېسابلىنىدۇ.

ئىشەنچ ۋە كۈچ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەردىن كەلگەن.

تۈرلەر قەد كۆتۈردى، كەسىپلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى... كۆرۈش، تەكشۈرۈشتە بولۇش جەريانىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ھەربىر بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلىرى يىغىنغا قاتناشقۇچىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئاساسى پۇختا، ئۈنۈمى ياخشى، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

ئىشەنچ ۋە كۈچ يىغىندا كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغانلىقىدىن كەلگەن.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلغان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش... يىغىندا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش چۆرىدىلىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يۆنىلىش تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مۇھىم نۇقتا تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى، تەدبىرلەر تېخىمۇ كونكرېت بولدى.

ئىشەنچ ۋە كۈچ شىنجاڭنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان تىرىشىش ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن.

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بايلىقى، كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەرنى تۇتۇپ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولىمىز. ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ قول تۇتۇشۇپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچى تولۇپ تاشتى، قەدەملىرى پۇختا بولدى.

«11 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ئىشەنچكە تولدۇم، جەزمەن يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن» دېدى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ليۇ شىن.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئەمەلىي ئۆستۈردى

ئورۇنلاشتۇرما بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يىغىنغا قاتنىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش بىلەن بىللە، ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

«قومۇلنىڭ بايلىق مۇھىم ئامىلى بىلەن خېنەننىڭ كەسىپ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، بازار قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز.» خېنەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما جيەن شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يىغىننىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردىكى تايانچ كارخانىلىرىنىڭ قومۇلدا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۇەن 13 - شى شىنشىڭ شەھىرىنىڭ ئەۋزەل يېتەكچى كەسىپلىرىنى زورايتىشى، كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىمىز.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى لىن گوخۇا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋاسىتىسىنى ئىجادىي بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز. قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنى، گۇاڭدۇڭ تېخنىك ئىشچىلار شۆيۈەنى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ھاياتىي كۈچى بېغىشلايمىز. ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاي ئۈچۈن ئېلىپ كەتمەيدىغان داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىمىز.

«شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەشكە، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار.» بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئې خۇڭدا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىش تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ھەم ھازىرقى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەم تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

مول ھوسۇل پەسلىدە يەنە يولغا چىقتى. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش دۇمبىقى چېلىنىپ، كېيىنكى مەيدان ھوسۇل ئېلىشقا ئاتلاندى.