پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى كۈچەيتىلدى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈلدى، تەرەققىياتقا «ئۆزەك» كىرگۈزۈلدى

日期:2023年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

يېقىندا، شىنجاڭنىڭ «دېڭىز مەھسۇلاتلىرى»نىڭ بازىرى چىقتى. مەكىت ناھىيەسىدە بېقىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە تاتلىق سۇ راكى ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سېلىندى؛ ئاقسۇ شەھىرى رۈنزې قورۇقى باقمىچىلىق بازىسىدا، گۆشلۈك ھەم چوڭ جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكى سۇدا سەكرىشىپ يۈرەتتى؛ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان خوتەن ناھىيەسىدە ئېگىز تاغ سوغۇق سۇ بېلىقىدىن پات ئارىدا ھوسۇل ئېلىنىدۇ...

ئەگەر شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە كىلىماتى ۋە ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىتى ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى تەبىئىي شارائىت دېيىلسە، ئۇنداقتا ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «ئۆزەك» دېيىشكە بولىدۇ.

ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى خاسلىققا قويۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتتا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، قوللىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچماقتا.

ئۇرۇقچىلىق كەسپى ئاساسىنى كۈچەيتىش سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يازغى بۇغداينىڭ يېڭى سورتى «لياڭچۇن 1758» يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 841.6 كىلوگىرامغا يېتىپ، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك يازغى بۇغداي بىرلىك ھوسۇلى رېكورتىنى يېڭىلىدى. بۇ ياخشى نەتىجىنى ياراتقان «لياڭچۇن 1758» ئۇرۇقلۇقى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بىر يەرلىك ئۇرۇقلۇق كارخانىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇرۇقلۇق يېزا ئىگىلىكى كۆلىمىنىڭ شىنجاڭ بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئاشىدۇ، يىللىق ئۇرۇقلۇق كۆلىمى 1 مىليون مودىن يۇقىرى بولدى، يىلدا ئىشلەپچىقىرىلغان بۇغداي، قوناق قاتارلىق تۈرلۈك زىرائەتلەرنىڭ ئەلا سورتى 400 مىڭ توننىدىن، مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. سانجى ئوبلاستى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى زور بىر تۈركۈم دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

بىر تال ياخشى ئۇرۇقلۇق سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا ئەنئەنىۋى سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدىن باشقا، ئالەم بوشلۇقىدا سورت يېتىشتۈرۈشمۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

«بۇ يىل بىز كىرگۈزگەن ئالەم بوشلۇقى كۆكتات مايسىسى 15، 16 خىلغا يېتىدۇ، يەنە تاۋۇز، ياڭجياۋمى قاتارلىق پىلەكلىك زىرائەت مايسىلىرىمۇ بار، ناھايىتى ياخشى ئۆستى، 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سېلىندى.» 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى قاناس ئالەم بوشلۇقى سورت يېتىشتۈرۈش، كۆكتات تېرىش بازىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شياۋفاڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن باشقا، بازىمىزدا يەنە ئالەم بوشلۇقى مايسىسى يېتىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالەم بوشلۇقى قوغۇن مايسىسىنىڭ ئۇرۇقى ناھىيەمىزنىڭ ئۆزىدىن كەلتۈرۈلگەن.

قوناق، تاۋۇز، قوغۇن، شوخلا، پاختا، ئۈزۈم ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇقى ئالەم بوشلۇقىغا تاللاپ ئەۋەتىلدى، ئالەم بوشلۇقىدا سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى زىرائەتلەرنىڭ ئەلا سورتىنى تېز يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونغا مەركەز خامچوتى ئىچىدىن 107 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردى، ئوتتۇرا ئاسىيا خاس زىرائەت ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئوتتۇرا مەزگىللىك ئامبىرى، غەربىي شىمالدىكى قۇرغاق رايون يېقىندارچىلىق مۇناسىۋىتى بار ياۋا ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى بازىسى، كېۋەز ئەلا سورتىنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بايىنبۇلاق قويى ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق 11 تۈر قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بەردى.

شىنجاڭ زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سورت يېتىشتۈرۈش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرمەكتە. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق زىرائەتلىرى ئەلا سورتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %98تىن كۆپرەككە يەتتى.

«رەقەملىك» تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى قايتا يارىتىش

«پەقەت يان تېلېفوندا چېكىپ قويساقلا، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ئارقىلىق، بىز تۇپراق سۈپىتى ۋە تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم قىلالايمىز ھەم ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ پەرۋىش قىلالايمىز، بەك قولايلىق.» 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، چىڭگىل ناھىيەسى ئەنجۇدان سۇغىرىش رايونى ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

شۇ كۈنى، بۇ باشقۇرۇش مەركىزىدە، شىنجاڭ كۇنيۈەن تەيخې ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ يىخۇا يان تېلېفونىدىكى ئاقىل يېزا ئىگىلىكى باشقۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق، 2000 مو كېلىدىغان ياڭيۇ ئېتىزىدا پەرۋىش مەشغۇلاتى قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇرۇقچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش، بېيدوۋ يول باشلاش قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا قوللىنىشنى تېزلىتىپ، دەل جايىدا تېرىش، ئۆزگىرىشچان مىقدارلىق ئوغۇتلاش، ئاقىل سۇغىرىش، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى قاتارلىق تېخنىكا ۋە جابدۇقلارنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشۇپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

«ئاشلىق تېرىشنى بىلگەندىن، <ئاقىل> ئاشلىق تېرىشنى بىلگەن ياخشى ئىكەن» دېدى ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئوغۇت تېجەش، دورا ئىشلىتىشنى ئازايتىش، دائىرىسىنى كېڭەيتىپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى پايدىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى تېرىقچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن چۆچەك شەھىرى ئابدىرا يېزىسى تۈگمەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جۇ شېڭچياڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن جۇ شېڭچياڭ يېرىنى كەنتتە قۇرۇلغان ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۆزى دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىنىپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىسى بولدى.

«ئىلگىرى زىرائەتلەرگە دورا چېچىش، يوپۇرماق ئوغۇتى پۈركۈش ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان ئىش ئىدى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن مەشغۇلات قىلغاندا مايسا زەخىملىنىپ، سۇ، دورا ئىسراپ بولاتتى.» جۇ شېڭچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشىمۇ ئاسانلاشتى.

«بىر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىسى بىر سائەتتە تۇتاش كەتكەن 100 مو يەردىكى زىرائەتكە قارىتا كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۆسۈملۈك ئاسراشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ئۈنۈم ئۆستى. كەنتتىكى ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەر، يېزا - بازارلارغا بېرىپ ئىش كۆتۈرە ئالغىلى بولىدۇ، مەن يەنە ئالتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۆسۈملۈك ئاسراش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرغان.» جۇ شېڭچياڭ مۇنداق دېدى: كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۆسۈملۈك ئاسراش مەشغۇلاتىدىن ئىبارەت بۇ بىر تۈردىلا يىلىغا 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ھاۋالىلىك باشقۇرۇشقا بەردىم، يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشىمەن.

رەقەملىك تېخنىكىنىڭ يېزىلاردا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

ئىختىساسلىقلار يول باشلاپ، پەن - تېخنىكىنى ئېتىزلارغا يۈزلەندۈرۈشنى تېزلىتىش

9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ چىرىكچى يېزىسى قىزىلقاباق كەنتىدىكى 300 مو ئۇرۇقلۇق قوناق ئېتىزىدا پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى، ئالتاي ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بويىچە كېڭەيتىش تەتقىقاتچىسى لى يۈچاۋ دېھقانلارغا قوناقنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك پەرۋىش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.

«بۇ يىل قوناقنى چاڭلاشتۇرغاندا، ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا دۇچ كەلدۇق، ھېلىمۇ ياخشى ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى ئەۋەتىپ، بىزگە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، سۈنئىي قوشۇمچە چاڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق قوناقنىڭ دان تۇتۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردۇق، نۆۋەتتە قوناقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 450 كىلوگىرامدىن يۇقىرى بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى ئالتاي ۋىلايىتى ۋېيدولى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر مەسئۇلى جوۋ كەي.

«ئالتاي ۋىلايىتى زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، قوناققا بولغان ئېھتىياجى زور، لېكىن بۇ جاينىڭ يىغىندى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇپ، قوناق ئۇرۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىشقا ئانچە پايدىلىق ئەمەس.» لى يۈچاۋ مۇنداق دېدى: بۇ جاينىڭ ئۇرۇقلۇق قوناق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بۇ جاي سورت تاللاش، سۇ، ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، سۈنئىي قوشۇمچە چاڭلاشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق، ئارا پىشار قوناق سورتىنىڭ ئۇرۇقلۇقىنى تولۇق پىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچ. بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا نەچچە مىڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى ھەرىكەتكە كەلدى، ئۇلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ يېڭى تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ، قوللىنىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى چۆرىدەپ، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى يېتىلدۈردى.

يېزا - كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە كەسىپ تەرەققىياتى پەن - تېخنىكا ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى يېزا - كەنت كارخانىلىرى بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يېزا - كەنت كارخانىلىرىغا پاي قىلىپ قوشۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى مەكتەپ - كارخانا، پەن تەتقىقات يۇرتى - كارخانا ئورتاق قۇرۇش بويىچە قوش تەكلىپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. تۈر جەھەتتىن قوللاش، مەخسۇس ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خادىملىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى كۈنسېرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى «ئاساسىي قوشۇن»غا ئايلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچى ۋە تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، تېخنىكا قاتارلىقلارنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭىچە دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ «پەن - تېخنىكا ئورتاق گەۋدىسى»نى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.