«ۋەتەندىن يىراق جايلاردىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارغا ئائىلە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزىمىز»

日期:2023年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى خۇا، خېي خۇڭۋېي، ليۇ شياڭ

9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، بىر مەيدان شارقىراپ ياغقان كۈز يامغۇرى قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكنىڭ ھاۋاسىنى بىر ئاز سالقىنداتقان بولسىمۇ، بىشكەك موسكۋا كوچىسى 19 - نومۇر قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار دوستلۇق جەمئىيىتى ئىللىقلىققا چۆمگەنىدى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى باش تېمىسىدىكى چېگرا سىرتىدا زىيارەت قىلىش پائالىيىتىدىن خەۋەر بېرىش ئۆمىكى شۇ جايدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار تەرىپىدىن «كىچىك ئائىلە» دەپ ئاتالغان بۇ جايغا كىردى.

قارىماققا كونىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنانىڭ ئىچىدىكى بېزىلىشى ئىنتايىن يېقىملىق بولۇپ، دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى خۇ يۈمېينىڭ ئىش ئۈستىلىدە بىر تۇتام تەكلىپنامە ۋە بىر خاتىرە دەپتەر تۇراتتى.

«جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمى قوش بايرام كېلەي دەپ قالدى، بىز ئەزالارنى بايرامنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلماقچى بولۇۋاتىمىز، ۋەتەندىن يىراق جايلاردىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارغا ئائىلە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى خۇ يۈمېي.

«بۇ بىزنىڭ بىللە باھار بايرىمى ئۆتكۈزگەن ۋاقتىمىز» «بۇ، تۇنجى قۇرۇلغان جۇڭگو تىل - يېزىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ» «بۇ بىر مەيدان چىپاۋ كۆرگەزمىسى» «بۇ، بىز تەسىس قىلغان تۇنجى جۇڭگو يېزىقىدىكى گېزىت»... جەمئىيەتنىڭ ئىش بېجىرىش بىناسىدىكى سۈرەتلەر چاپلانغان بىر تام مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، خۇ يۈمېي جەمئىيەت قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان يۈزبەرگەن ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى تەپسىلىي سانىغاچ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىدى.

1999 - يىلى، خۇ يۈمېي ئۈرۈمچىدىن بىشكەككە بېرىپ، بىر كارخانىدا كەسپىي دىرېكتور بولۇپ، خىزمەت جەريانىدا بىر قىسىم خۇاچياۋ، خۇارېنلار بىلەن تونۇشتى.

ئۇ، ياقا يۇرتتا تۇرغاندا، تىل، ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيەت، ئىدىيە قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن پەرق بولغاچقا، چياۋمېن قېرىنداشلارنىڭ ھەر خىل قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، بەزى پېشقەدەم چياۋمېن قېرىنداشلارنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى يۇرتىنى شۇنچە سېغىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇش ئويى پەيدا بولۇپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمېن قېرىنداشلارنى بىر «ماكان» بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلدى.

2006 - يىلى خۇ يۈمېي قىرغىزىستاندا خۇاچياۋ، خۇارېنلار دوستلۇق جەمئىيىتىنى رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇردى.

«جەمئىيىتىمىز يېڭى قۇرۇلغاندا، نۇرغۇن چياۋمېن قېرىنداشلار بىزنى ئىزدەپ كەلدى، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشتىكى بەزى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردۇق.» خۇ يۈمېي مۇنداق دېدى: جەمئىيىتىمىز يەنە ھەر يىلى ئۈچ - تۆت قېتىم چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارنى جەم قىلىدۇ.

ئۈرۈمچى جۈنچى تيەنيۈ ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شى يۈلىن 2012 - يىلى سودا قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ، دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئەلا سۈپەتلىك ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرىنى قىرغىزىستانغا ئېكسپورت قىلدى. ئون يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، كارخانا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا مۇقىم پۇت تىرەپ تۇردى، ئۇمۇ ياقا يۇرتتا تەۋەلىك تۇيغۇسىنى تاپتى.

«جەمئىيەتكە ئەزا بولغاندىن كېيىن، بىردىنلا <ئائىلەم> بار بولغانلىقىنى، ئەمدى يالغۇز كۈرەش قىلمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.» شى يۈلىن مۇنداق دېدى: ئادەتتە قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق، كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەملىشىمىز، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا ئىگە بولدى.

ھەر قېتىملىق باھار بايرىمى، دۈەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا، جەمئىيەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، چياۋمېن قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتىدۇ، يەنە بىر قاتار ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قىرغىزىستاندىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسى، يېتىم بالىلار ئورنىدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلارغا پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىدۇ. بۇ شى يۈلىنگە «تىرىشىپ ئىشلەش» «پۇل تېپىش»تىن باشقا ئىشتىمۇ مەنا ۋە مەسئۇلىيەت بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

«بىر قاتار جەمئىيەت پائالىيەتلىرى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى» دېدى ئۇ.

جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇ يۈمېي شۇ جايدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارنىڭ ۋەتەنگە ئائىت ئۇچۇرلارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى بايقىدى. كۆپچىلىكنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خۇ يۈمېي شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، بىر گېزىتخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە تۇنجى جۇڭگو تىل - يېزىقىدىكى گېزىت − «ئوتتۇرا ئاسىيا چياۋمېنلار گېزىتى»نى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان خەلقلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشىدىكى دوستلۇق كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلدى.

خۇ يۈمېي مۇنداق دېدى: گېزىتنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى، رۇس تىل - يېزىقى ۋە قىرغىز تىل - يېزىقىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىل - يېزىقتىكى نۇسخىسى بار بولۇپ، يېڭى يىپەك يولىدىكى ھەمكارلىق سۇپىسىنى قۇرۇپ، جۇڭگو ئاۋازىنى تېخىمۇ ياخشى تارقاتتى.

پېشقەدەم بىر ئەۋلاد خۇاچياۋ، خۇارېنلارنىڭ ئەۋلادلارغا جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىتىش ئارزۇ - ئارمىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خۇ يۈمېي كۆپ تەرەپتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆزى بىر قىسىم مەبلەغ توپلاپ قىرغىزىستاندىكى تۇنجى خۇاچياۋ، خۇارېن پەرزەنتلىرىنى جۇڭگو تىل - يېزىقىدا تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇردى.

«يالغۇز چياۋمېن قېرىنداشلارنىڭ پەرزەنتلىرىلا ئەمەس، قىرغىزىستاندا جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگەنمەكچى بولغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. تىل راۋانلاشتى، مەدەنىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى، خەلق رىشتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۇتاشتى.» خۇ يۈمېي مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئالاقىسى قويۇقلاشتى، كۆپلىگەن جۇڭگو كارخانىلىرى قىرغىزىستانغا كىرىپ ماكانلىشىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈردى، جۇڭگو تىل - يېزىقىنى بىلىدىغان داشۆنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ جۇڭگو مەبلىغىدىكى ياكى جۇڭگو - قىرغىزىستان شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىشىدا بازىرى ئىتتىك بولدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرى قىرغىزىستاننىڭ نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قاتناشتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە قىرغىزىستان تەرەپنى نۇرغۇن ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، تاشيول ياساپ بەردى، دوختۇرخانا سېلىپ بەردى.

خۇ يۈمېي تاكسىغا ئولتۇرۇپ جۇڭگو ياردەم بېرىپ ياساپ بەرگەن تاشيولدا كېتىۋېتىپ، شوپۇر ئۇستامنىڭ: «پەقەت جۇڭگولا بىزگە مۇشۇنداق ياخشى يولنى ياساپ بەردى» دېگىنىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن پەخىرلەندى.

«ۋەتىنىمىز بارغانسېرى قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، ئۇ مەملىكەت سىرتىدا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغانلارنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى.» خۇ يۈمېي مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەت جۇڭگوغا قارىتا يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى. قىرغىزىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەرمۇ نۇرغۇن تۈرلەرگە پائال قاتنىشىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

«جەمئىيىتىمىز مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ھەم چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنى كەڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدۇ.» كەلگۈسىگە نىسبەتەن خۇ يۈمېي تولۇق ئىشەنچ بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: چياۋمىنلار تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن، چياۋمىن قېرىنداشلار ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن، جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇق ئالاقىسى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن.