​شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز

日期:2023年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى −

​شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، جاڭ جىلى، رايىدە

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تاغ - دەريالار گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە قەشقەردە ئېچىلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەم ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ھەرقايسى جايلاردىن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، بىر مەقسەتتە گۈزەل شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى سۈرەتلىدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋەكىللەر كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ئېلىپ كەلگەن كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدى، ئۇلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يىغىندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.

كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان «يول خەرىتىسى» سىزىپ چىقىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان «يول خەرىتىسى» سىزىپ چىقىلدى.

9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، يىغىننىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىش نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى.

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ چوڭقۇر ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرىمىز» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى جېڭىس قادىس.

«شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق. بۇ بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى» دېدى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى لىن گوخۇا.

ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش ئىقتىسادىي تەپتىش لى فېڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى شىنجاڭ تىنچ، ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چەكسىز دانا، توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى».

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدۇردى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: يېڭى مۇساپىدە، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سودا مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ ئىچكى سودا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭغا يۇقىرى سۈپەتلىك سودا ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن سودا مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ سودا خىزمىتىگە زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى. «يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئىچكى - تاشقى سودا ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، تاشقى ھەمكارلىق قاتارلىقلارنىڭ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى شىنجاڭ سودا ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىمىز» دېدى ئۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگودىكى چەت ئەل سودا - سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇشقا كۆپ قېتىم تەشكىللەپ، چەت ئەللىك دوستلارنى شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەنلىكى، تەرەققىي قىلغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقى ۋە تىنچ، ئىتتىپاق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە كۈچ قوشتى. مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ياردەمچىسى جاۋ شىتۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىرتقا تارقىتىش يېڭى ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىمىز.

قول تۇتۇشۇپ گۈزەل شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىمىز

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش − دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، جەزمەن شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق، ئېغىر مەسئۇلىيەت زىممىمىزگە يۈكلەندى، روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يىغىندا سىزىپ چىقىلغان «يول خەرىتىسى»نى «ئەمەلىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرىمىز.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش قوماندان گۇ يەن مۇنداق دېدى: مەۋقەنى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسى ۋە يېڭى تەلىپىگە قويۇپ، خىزمەت تەدبىرىنى چوڭقۇر پىلانلاپ، كەسىپ، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى كەسپ - ساھەلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى يۈەن لياڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشكە قويۇپ، دىققەتنى قەشقەرنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەندۇڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى جاۋاب قەغىزىنى يېزىپ چىقىمىز.

تاموژنا باش مەھكىمىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى سۈن يۈنىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاموژنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىشىگە كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز.

خېنەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما جيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، قومۇلنىڭ بايلىق مۇھىم ئامىلىنى خېنەننىڭ كەسىپ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، بازار قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، توپلاشتۇرۇپ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز.

بىڭتۇەن 1 - شى ئارال شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي دىڭ يىچياڭ مۇنداق دېدى: جېجياڭ تەيجوۋدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى قوبۇل قىلىپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېمەكلىك پىششىقلاش، يېشىل خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز.