زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپىدە يېڭى مەنزىرە سىزىپ چىقىش

日期:2023年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

ئىلى دەرياسى جىلغىسى، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ قوڭۇر كالا كەسىپلەر توپى تەرەققىيات ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، قوڭۇر كالىلار سېمىز ھەم تىمەن ئىدى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇرۇق پىششىقلاش سېخىدا، ئىشچىلار ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان قوناق ئۇرۇقلىقىنى پىششىقلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى؛ لوپنۇر ناھىيەسىدىكى مىليون مو كېۋەزلىكنىڭ غوزىسى ئېچىلغان بولۇپ، پاختا يىغىش ماشىنىلىرى يولغا چىقىشقا تەييارلىنىپ تۇراتتى؛ چاقىلىق ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىكى 200 مىڭ مودىن كۆپرەك چىلانلىقتا شاخلار مېۋىسىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى...

مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر يىلدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، باشلامچى كارخانىلار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، كەسىپ باغچە رايونى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى سىجىل بارلىققا كېلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئۈمىدلىك دالىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلمەكتە.

كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قىياپەت نامايان بولدى

يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى... 2023 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

«شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى تېز سۈرئەتتە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى، بۇنىڭغا غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ھەمكارلىق بوشلۇقى يوشۇرۇنغان.» كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانا مەيئېرفۇ يېشىل پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى رەقەملىك پاختىچىلىق ئۆلچىمى ئېتىراپنامىسى ئارقىلىق رايون - بۆلەك زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، كاربون ھېساباتى ئېچىپ، پاختا كەسپىدە كاربون يىغىشنى ھېسابلاش مودېلى ۋە خەلقئارا سودا سۇپىسىنى بەرپا قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى دۇەن شۆفېڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز كۆپ تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسىپ توپىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى نىشانىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاشلىق - ياغ كەسىپ توپى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ توپى قۇرۇشنى تېزلىتىش، يېشىل، ئورگانىك مېۋە - كۆكتات كەسىپ توپى بەرپا قىلىش، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسىپ توپى قۇرۇش كېرەك. بۇ يىل، ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

− كۆپ مەنبەلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋاسىتىسى ئىشقا سېلىنىپ، كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلدى. «پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>نىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» يولغا قويۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى كەسىپ توپىغا چېتىلىدىغان شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنى بىرقەدەر تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىشىگە مەدەت بېرىلدى؛

− بۇغداي، قوناق، دادۇر، كۆكتاتتىن ئىبارەت ئاپتونوم رايوننىڭ تۆت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسى قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە پەن - تېخنىكا كۈچى تەقسىملىنىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتنى تەشكىللەش ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يەنە ياغلىق دان (قىچا، خاسىڭ، مايلىق ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز ۋە چارۋا (كالا، قوي، ئوت - چۆپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق تۆت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسى تەسىس قىلىنىدۇ؛

− ئۈرۈمچى خەلقئارا توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم - كېچەك سودا مەركىزىنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك كۆرگەزمە سودىسى، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك ماشىنىلىرىنى سېتىش - مۇلازىمەت قىلىش مەركىزى، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك كەسپى باش ئىشتابى، ئۈچ شەھەرچە، يەتتە باغچە رايونى مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق «ئون چوڭ كەسىپ ھالىتى»نى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يېتەكچى رايون ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تىرىشىپ بەرپا قىلىندى؛

...

يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى بىر تۈركۈم خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ قەغەز ياڭاق، كورلا نەشپۈتى، ئۈزۈم، ئىلى ئېتى، پاختا، قوڭۇر كالا قاتارلىق ئالتە ئەۋزەل، خاس كەسىپ توپى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى مەھسۇلات قىممىتىنى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇش ئاساسىدا، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونىنى تېزدىن قۇرۇشىنى يېڭى تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى، يېڭى كۈچ قوشتى.

باشلامچى كارخانىلار يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى

ئەۋزەل باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ھالقىسى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، زەنجىرسىمان ئاساسىي كارخانىلار، تايانچ كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېتەكچى خاراكتېردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلايدىغان بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، كەسىپنى يېتەكلەش كۈچى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

«بىز ئىشلەپچىقارغان سورتلۇق ئۇرۇق پۈتۈن مەملىكەتتىكى 17 ئۆلكىنى قاپلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي، كېۋەز ئۇرۇقىنى سېتىش كىرىمى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئۈچ كۈچلۈك قاتارىغا كىردۇق.» 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شې ياخۇي مۇنداق دېدى: 2022 - يىلى، شىركىتىمىز تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئىككى خىل سورت يەنە شېنجوۋ 15 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن بوشلۇققا چىقىرىلىپ، ئالەم بوشلۇقىدا مۇتاگېنلىق سورت يېتىشتۈرۈلدى.

سانجى شەھىرىگە جايلاشقان جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا بولۇپ، «ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش» ۋە «شىركەت + كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتى + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا دېھقانلارنىڭ 200 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە ئۇرۇقلۇق بۇغداي، قوناق، كېۋەز تېرىشىغا تۈرتكە بولدى، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. 6 - ئايدا يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى باشلامچى كارخانىلار شىنجاڭغا كېلىپ ئۇدۇللىشىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى 100دىن ئارتۇق باشلامچى كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى قەشقەرگە كېلىپ تەكشۈرۈپ، ئۇدۇللىشىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېتەكچى خاراكتېردىكى بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىلىرى شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى.

«بۇ يىل بىز تۆگە سۈتى كەسپىنىڭ كۆلەملىشىپ، كەسپىيلىشىپ، كەسىپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق، ھەمكارلىشىپ بېقىلغان، زاكازلىق بېقىلغان سۈت تۆگىسى 7000دىن ئېشىپ، كەسىپ تەرەققىياتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.» قومۇل شەھىرى ئاراتۆرۈك ناھىيەسى شىنجاڭ جۇڭتو بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى خېنەن ئۆلكىسى كىرگۈزگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كارخانىسى بولۇپ، ھازىر تۆگە سۈتى تالقىنى، مىكروبسىزلاندۇرۇلغان تۆگە سۈتى، ئېچىتىلغان تۆگە سۈتى قاتارلىق ئون نەچچە خىل مەھسۇلاتى بار ھەم مەملىكەت بويىچە 640تىن ئارتۇق مەخسۇس سېتىش دۇكىنى تەسىس قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز قومۇل شەھىرى، سانجى ئوبلاستىدا 2000دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنىڭ تۆگە باقمىچىلىقىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

كەسىپلەر باغچە رايونىدا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدا گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە نامايان بولدى. بۇ تەرەپتىكى شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يەم -خەشەك پىششىقلاش سېخىدا، ئىشچى - خىزمەتچىلەر جىددىي ئىشلەپچىقارماقتا ئىدى؛ ئۇ تەرەپتىكى شىنجاڭ زىيوۋ لوتى تور پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، رىياسەتچى ياڭاق تونۇشتۇرۇپ سېتىۋاتاتتى...

قاراقاش ناھىيەسىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى ياڭاق ۋە گۆش توخۇسىنى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ، «ئىشلەپچىقىرىش + پىششىقلاش + پەن - تېخنىكا»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخنىكىلارنى توپلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش، يادرولۇق تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى گەۋدىلەندۈردى. نۆۋەتتە، كەسىپلەر باغچىسى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىدىن 44نى، پىششىقلاش كارخانىسىدىن 125نى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 63نى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن 90نى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرۈپ، كەسىپ چوڭ ئائىلىسىدىن 3800دىن ئارتۇقنى يېتىشتۈرۈپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

يەكەن ناھىيەسىدىكى چۆل كەسىپلەر باغچىسىدا، قاتار - قاتار پارنىكلار رەتلىك ياسالغانىدى.

«بۇ ئىككى پارنىكتىكى لازىدىن بىر قېتىمدا ئالتە توننا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن» دېدى يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرىدىكى دېھقان مەمەتنىياز ئەخەت.

يەكەن ناھىيەسى شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكى ۋە چۆل - باياۋان بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تېرىقچىلىق، پىششىقلاش، ساقلاش، سوغۇق زەنجىر، ئەشيا ئوبوروتى، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى. ئىلگىرىكى بىپايان چۆللۈك بۈگۈنكى كۈندە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىدىكى «ئالتۇن دالا»غا ئايلاندى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلىرىنىڭ ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرمۇ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش ئارقىسىدا تېز قەد كۆتۈردى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكا باغچە رايونىدا، شىنجاڭ تيەنشەن بېنساۋ ئۇششاق توغرالغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ئىشچىلار جۇڭيى دورا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لياڭ گاۋچېڭ مۇنداق دېدى: «باغچە رايونىغا تايىنىپ، بىز كارخانىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلار بىلەن زاكاز ئىمزالاپ، چۈچۈكبۇيا، توشقانزەدىكى، زەپە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدۇق ھەم باغچە رايونىدىكى ئوراش - قاچىلاش، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى قاتارلىق كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق».

«بۇ يىل، بىز پەن - تېخنىكا بويىچە يېتىشتۈرۈش كارخانىسىدىن بىرنى كىرگۈزدۇق، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈر يېتىشتۈرۈش - يېتىلدۈرۈش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىمىز.» شىنجاڭ سانجى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭخۇا مۇنداق دېدى: باغچە رايونى رايون ئورنى، بايلىق، سىياسەت، كەسىپ قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى بويىچە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، پەن تەتقىقات كوللېكتىپىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.