شىنجاڭلىق ئىككى ماھىر ياخشى باشلىنىشنى كۈتۈۋالدى

日期:2023年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسى باشلاندى

شىنجاڭلىق ئىككى ماھىر ياخشى باشلىنىشنى كۈتۈۋالدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسىدە، ئابدۇخالىقجان مۇتەللىپ، ۋۇ جياشىن 2:1 نەتىجە بىلەن فىلىپپىن بىرىكمىسىنى يېڭىپ، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان غەلىبىگە ئېرىشتى. جۇڭگو كوماندىسىدىكى ئەرلەر، ئاياللار تۆت جۈپ بىرىكمىنىڭ ھەممىسى تۇنجى مەيدان غەلىبىنى كۈتۈۋالدى.

خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 9دا نىڭبو شياڭشەندىكى بەنبيەنشەن ساھىل ۋالىبول مەركىزىدە باشلاندى، 17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 48 كوماندا تىزىملىتىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئاياللار ۋە ئەرلەر ساھىل ۋالىبول تۈرىدە 2 ئالتۇن مېدال بارلىققا كېلىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە جۇڭگو ئاياللار ساھىل ۋالىبول كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىدىن شۆ چېن، شيا شىنيى، ۋاڭ فەن، دۇڭ جيې؛ جۇڭگو ئەرلەر ساھىل ۋالىبول كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىدىن ئابدۇخالىقجان مۇتەللىپ، ۋۇ جياشىن، ۋاڭ يەنۋېي، لى جيې قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە شيا شىنيى، ئابدۇخالىقجان مۇتەللىپ شىنجاڭدىن كەلگەن.

جۇڭگو ساھىل ۋالىبول ئاياللار كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، يېقىنقى 16 يىلدا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇدا بەش قېتىم چېمپىيون بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شۆ چېن 2006 - يىلى دوھا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، 2010 - يىلى گۇاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، شيا شىنيى جاكارتا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، شۆ چېن، شيا شىنيى بىرىكمىسى خەلقئارا ۋالىبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەت تەرتىپىدە 12 - ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاسىيادا 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇلار بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبول تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك ماھىرلار ھېسابلىنىدۇ.

ئابدۇخالىقجان يېڭىسار ناھىيەسىدىن، 2014 - يىلى رېنچۇەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئاتلىنىدۇ.

9 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى مۇسابىقىدە، جۇڭگو ئەرلەر ساھىل ۋالىبول كوماندىسىدىكى ۋاڭ يەنۋېي، لى جيې 2:0 نەتىجە بىلەن پەلەستىن بىرىكمىسىنى يېڭىپ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسىدە، شيا شىنيى، شۆچېن پەقەت 25 مىنۇتتىلا 21:5، 21:8 نومۇر بىلەن سىرى لانكا بىرىكمىسىنى ئوڭايلا يەڭدى. يەنە بىر جۈپ جۇڭگو بىرىكمىسىدىكى ۋاڭ فەن، دۇڭ جيې ئوخشاشلا 0: 2 نەتىجە بىلەن تاجىكىستان بىرىكمىسىنى ئوڭايلا يەڭدى.

ئابدۇخالىقجان بىلەن ۋۇ جياشىننىڭ بوي ئېگىزلىكى ئوخشاشلا ئىككى مېتىردىن ئېگىز بولۇپ، تىپىك «قوش ئېگىز بىرىكمە». فىلىپپىن بىرىكمىسىنىڭ تېخنىكا ۋە جانلىقلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇپ، ئېلىش تەس بولغان توپ تاشلاشتىن ۋە ئەپچىل تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ سېتكا ئۈستى ئەۋزەللىكى بىلەن تىركەشتى. ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككى تەرەپ 1:1 بولۇپ تەڭلەشتى، 3 - مەيداندا 9:12 نومۇر بىلەن ئارقىدا قالغاندا، جۇڭگو كوماندىسى جىددىي ۋەزىيەتنى كۈچەپ ئوڭشاپ، 18:16 نومۇر بىلەن فىلىپپىن بىرىكمىسىنى تەستە يەڭدى.