گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلدى

日期:2023年09月22日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش باشلانغان.

بۇ قېتىم قۇرۇلۇش باشلانغان گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئاساسلىقى 28 ئورۇندا ئالدىن قالدۇرۇلغان ئۇچرىشىش - يول بېرىش ۋوگزالىنى كۆپەيتىش، تۇرپان - كورلا تۆمۈريولىدىن گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىغىچە بولغان يۈك پويىزى ئالاقە لىنىيەسىنى يېڭىدىن قۇرۇش، كورلا ۋوگزالى ۋە كورلا شەرقىي ۋوگزالىدا پويىز يېتىپ كېلىش - يولغا سېلىش لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، ھەمدە پاراۋۇزنى توك بىلەن تەمىنلەش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ يۈرۈشلەشكەن قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىقتىدارنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىشتىكى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتى بىر يېرىم يىل.

گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1206 كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 734 كىلومېتىر كېلىدۇ، 2020 - يىلى 12 - ئايدا ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى، لىنخې - قومۇل تۆمۈريولىدىن كېيىنكى شىنجاڭغا كىرىدىغان - چىقىدىغان ئۈچىنچى تۆمۈريول چوڭ يولىغا ئايلاندى، شۇنداقلا جۇڭگونى ياۋروپا، غەربىي ئاسىيا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان قۇرۇقلۇق تىرانسپورت چوڭ يولىنىڭ بىرى. بۇ تۆمۈريولنىڭ جەنۇبىي ئۇچى گولمۇدتا چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى بىلەن تۇتىشىپ، ئوتتۇرا قىسمى چاقىلىقتا خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى بىلەن تۇتىشىپ، شىمالىي ئۇچى كورلىدا جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن تۇتىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسىم رايونى، بولۇپمۇ چىڭخەي بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تۆمۈريول تورى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى شىنجاڭنىڭ سىرتى بىلەن بىۋاسىتە تۇتاشتۇردى، شىمال يۆنىلىشتە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ ئۆتمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.

شىنجاڭ بىلەن چىڭخەي، شىزاڭ، غەربىي جەنۇب، خۇانەن قاتارلىق جايلارنى تۇتاشتۇرىدىغان قولايلىق غول تىرانسپورت يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ كۆمۈر، كان مەھسۇلاتلىرى، پاختا قاتارلىق مۇھىم ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، «قۇملۇقتىكى يېڭى يىپەك يولى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ توشۇش مىقدارىنىڭ ئۇچقاندەك ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر بار بولغان لىنىيەنىڭ توشۇش ئىقتىدارى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا، ئىقتىدارنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى.

گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى(شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە تىرانسپورتقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭغا كىرىدىغان - چىقىدىغان كۆپ يوللۇق توشۇش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇپ، يولنىڭ تۇتىشىشچانلىقى، ئىشەنچلىكلىكى، ھەرىكەت ھالىتىدىكى جانلىقلىقىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.