ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشتى

日期:2023年09月22日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى(%8.8)دىن 21.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 4 - ئورۇندا تۇردى. بۇنى مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق 11 - مەيدان − «خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

«بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى سانائەت تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>نى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر چېڭ دوفۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەۋقەنى كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى مىڭلىغان تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت تۈر ئامبىرى قۇرۇپ، تۈرلەرگە ياردەم بېرىش، ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئايلىق ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئارقىلىق، توغرا يۆنىلىشتە ھەمتۈرتكە قىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇپ مۇھىم، زور سانائەت تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى.

1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت تۈر ئامبارىغا كىرگۈزۈلگەن تۈردىن 1516سىدە ئىش باشلاندى (ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى)، ئىش باشلاش (ئەسلىگە كەلتۈرۈش) نىسبىتى %98كە يەتتى. ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان 50 تۈر، ئومۇمىي سېلىنمىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان ئون تۈرلۈك بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور سانائەت تۈر قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، پاختا قاتارلىق ئېنېرگىيە - بايلىقنى ئايلاندۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى.

نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى جەھەتتە، نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش، ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىش، مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش تېزلىتىلىپ، كورلا 1 مىليون 200 مىڭ توننىلىق ئېتاندىن ئېتىلېن ياساش، قاراماي 720 مىڭ توننىلىق پەرقلىق پولىمېر قاتارلىق بىر تۈركۈم نېفىت خىمىيە سانائىتى تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى.

كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى جەھەتتە، شەرقىي جۇڭغار، قومۇل دۆلەت كۆمۈردىن كوكس مېيى - كۆمۈر گازى ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، شىنجاڭ بويىچە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 280 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى. تۇرپان 1 مىليون توننىلىق كۆمۈردىن مېتانول ئېلىش، سانجى 104 مىڭ توننىلىق 1، 4 - بۇتىل گىلىكول ئېلىش قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى.

يېشىل كانچىلىق جەھەتتە، چاقىلىق 120 مىڭ توننىلىق لىتىي كاربونات 1 - قارارلىق تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئالغا سىلجىتىلدى، خوتەن 100 مىڭ توننىلىق لىتىيلىق تۇز قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇندى.

توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك جەھەتتە، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرىغا مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭ سىرتىغا توشۇش كىرا ھەققى، توك ھەققى ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى، توك باھاسى ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىدىن 697 مىليون يۈەن ئاجرىتىلدى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، 18 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالاندى. كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال جەھەتتە، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىينىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بېكىتىش بويىچە بەش تارماق كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يورۇقلۇق ئېنېرگىيەلىك باتارېيە بىرىكمە زاپچىسى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى ھەم كىرېمنىي ياپراقچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم تۈرلەر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

«سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى سانائەت ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتىدۇ.» چېڭ دوفۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، شىنجاڭدا خاس زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى پائال بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ياردەم بېرىش - ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ تېزدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.