بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى

日期:2023年09月18日
来源:新疆日报
【字体:

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جيەنشىن

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ تودوگ بازىرىدىكى بايەن خاس باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، 100دىن ئارتۇق تۆگە تازا سەمرىگەنىدى، كوپىراتىپ ئەزاسى يان تېلېفوندا تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىۋاتاتتى.

«كۆپچىلىككە ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئىشلەپچىقارغان تۆگە سۈتىنى سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، يېڭى ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ھەممە مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىمىز...»كوپىراتىپ ئەزاسى باقىتگۈل جۇقاي مۇنداق دېدى، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش خېرىدارلار بىلەن بولغان ئارىلىقىمنى يېقىنلاشتۇردى.

60 ياشلىق نۇرتاي بايدەۋلىت بايەن خاس باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى. «كىچىك ۋاقتىمدا ئائىلىمىزدىكىلەر بىرنەچچە تۆگە باققان بولۇپ، ئاساسلىقى يۈك توشۇشقا ئىشلىتەتتى، ھازىر تۆگىنىڭ ئوينايدىغان رولى ئوخشىمايدۇ» دېدى نۇرتاي.

ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا، نۇرتاي كۇرتۇ چارۋىچىلىق كەنتى «ئىككى كومىتېت» نىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە ياردىمىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + كەسىپ بازىسى + باقمىچىلىق ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى 60 تىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنىڭ تۆگىسىنى ھاۋالىلىك بېقىپ، ھەر يىلى ئۇلارغا پايدا تەقسىملەپ بەردى.

ھازىر، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 140 تۆگە بار. تۆگە سۈتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، نۇرتاي ماشىنىلاشقان سۈت سېغىش ئۈسكۈنىسىنى كىرگۈزدى. مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كارخانىلار بىلەن زاكاز ئىمزالاپ تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپلا قالماي، يەنە ۋاڭخۇڭ كوپىراتىپ ئەزالىرىنى پائال يېتىشتۈردى. بۇ كوپىراتىپ ئەزالىرى تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، يان تېلېفوندىن پايدىلىنىپ تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

ئۈچ يىل ئىلگىرى، كوپىراتىپ ئەزاسى باقىتگۈل ئۆيىدىكى ئىككى تۆگىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھاۋالىلىك بېقىشىغا بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشلەپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ ساتتى، ئۇ ھازىر شۇ جايدا خېلى نامى بار ۋاڭخۇڭغا ئايلاندى.

«مەن بۇ يەردە ئىشلەپ ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالىمەن، يىل ئاخىرىدا يەنە 3000 يۈەن پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشىمەن. تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئائىلىمىزنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ئۇسۇل بولۇپ قالدى» دېدى باقىتگۈل خۇشال ھالدا.

2022 - يىلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يىللىق كىرىمى 400 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. «ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ بۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن!» دېدى نۇرتاي كۈلۈپ تۇرۇپ. ھازىر نۇرتاي باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى تۆگە بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تۆگە بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر ئائىلە باي بولسا باي بولغان ھېسابلانمايدۇ، كۆپچىلىك باي بولسا ئاندىن ھەقىقىي باي بولغان بولىدۇ».