ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى

日期:2023年09月18日
来源:新疆日报
【字体:

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە 1 - تۈركۈمنى خۇلاسىلەش ۋە 2 - تۈركۈمنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، پۇختا ئالغا سىلجىتتى. 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ھەممىسى باش تېما تەربىيەسى بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى تاماملىدى.

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، قاراماي شەھىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئاچتى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ۋە نىشان تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تىرىشىپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ئاساسىي پىرىنسىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، خىزمەتنى پۇختا تۇتۇش، ئاساسنى پۇختا سېلىش، قەدەمنى پۇختا ئېلىش كېرەك.

بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، نەزەرىيە ئۆگىنىش ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەرقايسى جايلار دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى گەۋدىلىك ئۆگەندى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: نىشان ۋە تەلەپنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن قانۇنىيەتنى چۈشىنىپ، ئۇسۇلنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش داۋامىدا سىياسىي ئىقتىدار، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، سىياسەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارى، خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

«ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كىتاب ئوقۇش سىنىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسىنى ياخشى سۆزلەپ، تەربىيەلەش، يېتەكچىلىكنى ياخشى قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىشنى ياخشى قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.» خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش باش تېما تەربىيەسىدىكى مۇھىم مەزمۇن ۋە ھالقا، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارەت.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەپ، قېتىرقىنىپ ئەمەلىي ئىشلەپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە» شەكلىنى قوللىنىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتنى ياخشىلاش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لار ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق «مۇتلەق كۆپ سانلىق»لارنى يېتەكلىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن مۇھىم، زور ۋەزىپە، شۇنداقلا باش تېما تەربىيەسىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاقسۇ ۋىلايىتى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چۆرىدەپ، تەربىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، مەسىلىگە توغرىلىنىپ تۈزىتىش كېرەك. تەكشۈرۈش بويىچە تۈزىتىش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم مېخانىزم. ئالتاي ۋىلايىتى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىغا توغرىلىنىپ پەرقنى تېپىپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە سېلىشتۇرۇپ يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىنى ھەل قىلىشنى باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈش كېرەك.

تارباغاتاي ۋىلايىتى مۇنداق تەكىتلىدى: تەكشۈرۈش بويىچە تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، سالمىقى بار مەسىلە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش ھەم بىرمۇبىر تىزىملىككە كىرگۈزۈش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچەپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تەكشۈرۈش بويىچە تۈزىتىشنى نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇش كۈچلۈك تەشكىلىي رەھبەرلىكتىن ئايرىلالمايدۇ.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيەگۇرۇپپا)لىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيەگۇرۇپپا) بەنزە ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىشى، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەر، ھەرقايسى تارماق، ئورۇنلار ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىستېما قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

قومۇل شەھىرى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيەگۇرۇپپا)لىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىجابىي تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۈزەكى ئىش قىلماي، باش تېما تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى پىلانلاپ، ياخشى تەشكىللەپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەزمەن ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.