قىپقىزىل لازا باياشات تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى

日期:2023年09月18日
来源:新疆日报
【字体:


ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئۇچتۇرپان بازىرى توققۇز بۇلاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى لازىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى. 9 - ئايدا، لازا ھوسۇل پەسلىگە كىردى، يىراقلارغا نەزەر سالساق، قىپقىزىل لازىلار قۇرۇتۇش مەيدانىغا يېيىتىلىپ، مول ھوسۇل شادلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەندى. □ ۋەلى قېيۇم فوتوسى

[مۇھەررىردىن]

ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مېۋىلەر شېخىنى كۆتۈرەلمەي مەي باغلاپ پىشتى. قىزىل رەڭ، سېرىق رەڭ، بىنەپشە رەڭ، ئاق رەڭ، يېشىل رەڭ... كۈزلۈك يىغىمدىكى شىنجاڭ تۇپرىقى خۇددى كۆچمە رەڭ تەڭشەش تەخسىسىگە ئوخشايدۇ. 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى «شىنجاڭ رەڭ كارتىسى» يۈرۈشلۈك خەۋەر قىلىشنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مول ھوسۇل ئېلىش يېڭى مەنزىرىسى، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى جانلىق نامايان قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش دەۋر تومۇرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە نەزەر سالساق، «قىزىل رەڭ» كۆزنى ئالاھىدە قاماشتۇرىدۇ. شىنجاڭ «قىزىل كەسىپ» كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان لازا مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن يۆگىمە رەسىمنى نامايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەر مىللەت ئاممىنى لازىدىن نەپكە ئېرىشتۈردى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا لازا قىزاردى

شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى تىلغا ئېلىنسا، داپەنجى جەزمەن كەم بولمايدۇ. داپەنجى بارلىققا كەلگەن جاي − ساۋەن شەھىرى شىنجاڭدىكى ئەڭ كۆلەملەشكەن يېمەكلىك لازىسى يىغىش - تارقىتىش ئورنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ھازىر، ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق تەبىئىي قۇرۇتۇش مەيدانىدا، لازىلار «ئاپتاپسىنىش»نىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتاتتى. قىپقىزىل لازىلار كۆز يەتكۈسىز ئالتۇن رەڭلىك چۆل - باياۋانغا چەكسىز ھاياتىي كۈچ قوشقانىدى.

«بۇ يىل لازا ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولدى. ئەتىيازدا يېڭى سورت كىرگۈزدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئۆستۈرگەچكە، لازىلىرىمىز مۇددەتتىن 10 - 20 كۈن بۇرۇن بازارغا سېلىندى، ھوسۇلىمۇ ئادەتتىكى ئۆستۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا %20 ئەتراپىدا يۇقىرى بولدى.» ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرى شۇاڭچى كەنتىدىكى لازا تېرىقچىلىق ئاھالىسى يۈ گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ ھەر مو يەردىكى لازا ھوسۇلى تۆت توننا ئەتراپىدا بولدى.

يەنسىخەي بازىرىنىڭ بۇ يىللىق ئىنچىكە لازا تېرىش كۆلىمى 40 مىڭ مو بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە يېمەكلىك لازىسى تېرىش كۆلىمىنىڭ %60ىنى ئىگىلەيدۇ، يىلىغا 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قۇرۇتۇلغان لازا ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئۇنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى شەنشى، خۇنەن قاتارلىق دۆلىتىمىز ئىچىدىكى لازا پىششىقلاپ ئىشلەش، يىغىش - تارقىتىش چوڭ ئۆلكىلىرىگە ساتىدۇ. 2022 - يىلى، يەنسىخەي بازىرىدىكى يېمەكلىك لازا بازىرىنىڭ سودا سوممىسى 200 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل 300 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى.

كىلىمات شارائىتى ياخشى، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق يېتەرلىك بولۇشتەك تەبىئىي ئەۋزەللىك شىنجاڭدا لازا ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلىدى، ھالبۇكى، پەن - تېخنىكا مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە، چۆللۈكتىكى ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىدا قىزىل لازىلار ھەممە يەرنى قىپقىزىل تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.

«مەن بۇ يىل 700 مو يەرگە لازا تېرىدىم، ھوسۇل بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولدى.» يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ۋۇخاۋچۈ يېزىسى ۋۇخاۋچۈ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى مول ھوسۇل ماشىنىلاشقان مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكىش تېخنىكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، ماشىنىلاشقان مايسا كۆچۈرۈپ تىكىشتە ۋاقىت، كۈچ، ئادەم كۈچىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، دېھقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېجەپ قالغانلىقنىڭ ئۆزى پۇل تاپقانلىق.

بۇ يىل، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تېرىلغان سانائەت لازىسىنىڭ ھەممىسى ماشىنا ئارقىلىق مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي لازىنى تۈجۈپىلەپ تېرىش سىيالكىسى، مايسا كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى قاتارلىق يېڭى ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈپ، ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ كۆچۈرۈپ تىكىشتىكى ئەمگەك سىجىللىقى زور، ئۈنۈم تۆۋەن، تەننەرخ يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، لازا كەسپىنىڭ كەسىپلىشىپ، كۆلەملىشىپ، ئۆلچەملىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بايىنغولىن ئوبلاستىدا بۇ يىل 500 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە لازا تېرىلدى، ھوسۇلنىڭ 1 مىليون 400 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغانلىقى، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 2 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

يەنسىخەي لازىسى، يەنجى لازىسى، باغراش لازىسى، يېڭىسار ئالاھىدە ئاچچىق لازىسى، شايار پىگمېنتلىق لازىسى... بۇ مول ھوسۇل پەسلىدە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، تېرىش - پەرۋىش قىلىش ئەندىزىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، لازىلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى قىپقىزىل تۈسكە كىرگۈزدى.

دۆلەت ئىچى - سىرتىغا «لازا ھىدى» تارالدى

«ئائىلىمىز بۇ يىل 40 مو يەرگە لازا تېرىدۇق، ھازىرغىچە 12 توننا لازا سېتىپ، 50 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق، ھەممىنى سېتىپ بولساق مۆلچەرىمچە 200 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز» دېدى يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرى تېرەك ئالدى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قاھار تۇردى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسىدە 70 مىڭ مو يەردىكى ئالاھىدە ئاچچىق لازىنى يىغىش، سېتىش خىزمىتى قىزغىن داۋاملاشتى. ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيە، كىلىمات ۋە مۇھىت ئەۋزەللىكىدە يېتىشتۈرۈلگەن ئالاھىدە ئاچچىق لازىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك، ئاچچىقلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولغاچقا، لازىنىڭ سۈپىتىگە «قاتتىق» تەلەپ قويىدىغان يۈننەن، گۇيجوۋ، سىچۇەن رايونلىرى ھەمدە خۇنەن، خېنەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى بازارلاردا پۇت دەسسەپ تۇرالىدى.

نۆۋەتتە، يېڭىسار ناھىيەسىدە لازا سېتىۋېلىش ۋە پىششىقلاش كارخانىسىدىن بەشى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 20 نەچچىسى بار. قەشقەر «خەيخۇڭ» يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى شۇلارنىڭ بىرى، بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى پېڭ چۇەنخەي مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، شىركىتىمىز 15 مىڭ توننا يېڭى لازا، 2000 توننا ئەتراپىدا قۇرۇق لازا سېتىۋېلىشنى مۆلچەرلىدى، بۇ، لازا تېرىغان دېھقانلارنىڭ ھەر مو يەردىن ئوتتۇرىچە 6000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ».

شىنجاڭ «لازىسىنىڭ ھىدى» پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارىلىپلا قالماي، دۆلەت دەرۋازىسىدىنمۇ چىقتى.

«يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن، بىزنىڭ پىگمېنتلىق لازىنى يىغىۋېلىش خىزمىتىمىز يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. نۆۋەتتە، شىركىتىمىز 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە تېرىغان لازىنىڭ 1000 مودىن ئارتۇق يەردىكىسى تېخى يىغىۋېلىنماي تۇرۇپلا ئالدىن سېتىلىپ بولدى» دېدى شىنجاڭ جېجاڭ كارخانا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جىجۇڭ.

2019 - يىلى، بۇ شىركەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كارخانا سۈپىتىدە شايار ناھىيەسىگە ماكانلاشتى. جاڭ جىجۇڭ مۇنداق دېدى: شايار ناھىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پىگمېنتلىق لازا دانىسى چوڭ، ئايرىۋېلىنغان پىگمېنتنىڭ ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، ئاز ئۇچرايدىغان يېشىل يېمەكلىك بولۇپ، بازاردا قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى. ئېكسپورت سودىگەرلىرىنىڭ ياردىمىدە، بۇلتۇر، شايار ناھىيەسىنىڭ پىگمېنتلىق لازىسى تۇنجى قېتىم چەت ئەل بازارلىرىغا كىرىپ، ئىسپانىيە، رۇسىيە، كورېيە، تايلاند، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىندى.

«بۇ يىللىق ئېكسپورت مىقدارى يەنە ئاشىدۇ، ئىككى كۈندىن بۇيان نۇرغۇن ئېكسپورت سودىگەرلىرى لازا كۆرگىلى كەلدى» دېدى جاڭ جىجۇڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

شايار ناھىيەسىدىن باشقا، باغراش ناھىيەسى، ئونسۇ ناھىيەسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا تېرىلغان لازىلارمۇ بەس - بەستە دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئالقىشقا ئېرىشتى.

زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش «ئاچچىق تەم»نى ئاشۇردى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كوناشەھەر ناھىيەسى خۇەنتەيپىڭياڭ ۋەنگويۈەن (شىنجاڭ) مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ لازا پىششىقلاش سېخىدا، ماشىنىلار توختىماي ھەرىكەتلىنىپ، ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلىدى.

خام ئەشيادىكى ئارىلاشمىلارنى تازىلاش، لازا ساپىقىنى كېسىش، رەڭگى بويىچە تاللاش... بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ خۇڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بىر قاتار مەشغۇلاتلار ئارقىلىق، لازىلار پاكىز تازىلىنىپ، ئاندىن ئايرىپ قاچىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىدۇ. شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى شەندۇڭ، يۈننەن، سىچۇەن، گۇيجوۋ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپ، خوگو ماتېرىيالى، لاۋگەنما لازا قىيامىنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. بۇ يىل شىركىتىمىز 15 مىڭ توننا ئەتراپىدا يېڭى لازا سېتىۋېلىپ، 3000 توننا ئەتراپىدا قۇرۇق لازا ئىشلەپچىقىرىشنى مۆلچەرلىدى.

يېڭى لازىنى قاقلاپ قۇرۇتۇپ ياكى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، خام ماتېرىيالغا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن سېتىشتىن ئىبارەت بۇنداق دەسلەپكى پىششىقلاش پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى لازا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ھېلىھەم ئۆلچەملىك سەپلىمە ھېسابلىنىدۇ. قانداق قىلىپ كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىش ھەرقايسى جايلار ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان ساھەگە ئايلاندى.

ئۇۋاق لازا، لازا قىيامى، خوگو ماتېرىيالى، مىفېن قىيامى، كەسكەن لازا... بۈگۈنكى كۈندە ساۋەندە لازا 40 نەچچە خىل مەھسۇلاتقا ئايلاندى. «كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، لازىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئىزچىل تىرىشىش نىشانىمىز» دېدى ساۋەن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ يۇڭجيەن.

قۇرۇلغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان شىئېردەن يېمەكلىك شىركىتى ئىزچىل شىنجاڭنىڭ يەرلىك لازىسىنى خام ماتېرىيال قىلىپ، «زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى» شەكلى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى تېرىش، ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاقلاپ قۇرۇتۇش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتىپ، ھەر يىلى خام ماتېرىيال ئىشلىتىش مىقدارىنى 100 توننا ئاشۇرۇش سەۋىيەسىنى ساقلاپ كەلدى.

بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شىئېردەن يېمەكلىك شىركىتى چولپان مەھسۇلاتى «شۆليەن لاجياۋسى» ئاساسىدا، بىر تەرەپتىن مەھسۇلات تۈرىنى كېڭەيتسە، بىر تەرەپتىن بازارغا ئۇيغۇنلىشىپ، شىنجاڭ نانبەگ يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، لازا ناننىڭ خام ماتېرىيالىنى تەمىنلىدى، كۆپلىگەن مىفېن ئاشخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مىفېن قىيامى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر بۇ كارخانا تۆت چوڭ تۈردىكى 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بازارلارغا يۈزلىنىپ ساتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، لازىنىڭ بۇنداق «شەكىل ئۆزگەرتىش»ى ھەر كۈنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى لازا پىششىقلاش كارخانىلىرىدا يۈزبېرىۋاتىدۇ، بۇ قىپقىزىل لازىلار خام ئەشيا، يېمەكلىك قاتارلىق شەكىللەردە تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەنمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ لازىسىنىڭ يېڭى سورتى بولغان پىگمېنتلىق لازا دىئوۋ، شياڭنەيئېر قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارالىق داڭلىق لەۋ سۇرۇخلارنىڭ خام ماتېرىيالى بولۇپ قالدى. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ لازىسى گۈزەل ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.