دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز تاموژنا قونجىراپتا 50 نەچچە يىل «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دا چىڭ تۇرۇش

日期:2023年09月18日
来源:新疆日报
【字体:

   9-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، تاموژنا سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى.


قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسى (ماتېرىيال سۈرەت).  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

   قونجىراپ تاموژنىسى قەيەردە؟ قانداق ھېكايىلىرى بار، بىللە ئاڭلايلى.

   ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قونجىراپ تاموژنىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4500 مېتىر كېلىدۇ؛ قونجىراپ پورتى دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پورتى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىن پاكىستانغا بارىدىغان بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەرنىڭ يىللىق قىروۋسىز مەزگىلى ئاران 82 كۈن، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ئىككى سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، ھاۋادىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىك رايوندىكى ئوكسېگىن مىقدارىنىڭ ئاران %46ىگە توغرا كېلىدۇ، بىئولوگلار بۇ يەرنى «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»، گېئولوگلار «مەڭگۈلۈك توڭ قاتلام» دەپ ئاتايدۇ.


1969-يىلى، قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ تۇنجى تاموژنا باشلىقى ليۇ جىڭخۇا بىر چېدىر ئېلىپ، پامىردىكى قارلىق چوققىغا بارگاھ قۇردى، ئۇ داڭلىق «چېدىر تاموژنىسى»غا ئايلاندى.

   يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، قونجىراپ پورتى يېرىم يېپىق ھالەتتە ئىدى. 1969-يىلى، قەشقەر تاموژنىسى تيېگەي خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ قونجىراپ تاموژنىسىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى، 1977-يىلى سۇبۇلاق جىلغىسى تارماق تاموژنىسى تەسىس قىلىندى؛ 1984-يىلى سۇبۇلاق جىلغىسى تارماق تاموژنىسى پىلالغا كۆچۈرۈلدى ھەم نامى قونجىراپ تاموژنىسىغا ئۆزگەرتىلدى؛ 1993-يىلى قونجىراپ تاموژنىسى تاشقورغان ناھىيە بازىرىغا كۆچۈرۈلدى، بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 3200 مېتىر ئېگىز. 2017-يىلى 10-ئايدا، ئېھتىياجغا ئاساسەن، قونجىراپ تاموژنىسى دېڭىز يۈزىدىن 5100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۆلەت دەرۋازىسى 1-سېپىگە قايتىدىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە قونجىراپ ۋە قاراسۇدىن ئىبارەت ئىككى پورتنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالماقتا.


  پېشقەدەم تاموژنا خادىملىرى سۇبۇلاق جىلغىسىدىكى كونا ئورنىدا خىزمەت قىلماقتا.

  قونجىراپ پورتىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلار ئاساسلىقى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىچىك ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە سىرتقا قارىتا ھۆددىگە ئېلىنغان قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلار ئاساسلىقى قارىغاي ئۇرۇقى، ئۆسۈملۈك دورا، ئاسما گىلەم ۋە مىس، تۆمۈر بۇيۇملار قاتارلىق مىللەتلەر ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى ئاساس قىلىدۇ. 2013-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئىمزالىغان كېلىشىمگە ئاساسەن، قونجىراپ چېگرا ئېغىزى ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئېچىلىدۇ.

  قونجىراپ تاموژنىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد قونجىراپ تاموژنىسى خادىملىرى قارلىق ئېگىزلىك، چۆل-جەزىرىدىكى شامال ئېغىزىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە بەرداشلىق بېرىپ، قەھرىتان سوغۇققا تاقابىل تۇرۇپ، ئوكسىگېن يېتىشمىسىمۇ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى كەم بولماسلىق، ئوكسىگېن يېتىشمىسىمۇ روھ كەم بولماسلىق جاسارىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، «پەۋقۇلئاددە جاپاغا چىدايدىغان، پەۋقۇلئاددە كۈرەش قىلىدىغان، پەۋقۇلئاددە چىداملىق، پەۋقۇلئاددە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان» قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ «تۆت پەۋقۇلئاددە» روھىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت دەرۋازىسى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز ساداقىتىنى نامايەن قىلدى.

   ھازىرغىچە، قونجىراپ تاموژنىسى جەمئىي 50 تۈردە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تەقدىرلەشكە ئېرىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «مەملىكەت بويىچە خەلق رازى مەمۇرلار كوللېكتىپى»، «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ»، «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى»، «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي ياشلار كوللېكتىپى ئون يىللىق نەتىجە مۇكاپاتى»  «مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك تەقدىرنامىسى»، «مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى»، «مەملىكەتلىك مەدەنىي ئورۇن» قاتارلىق نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشتى، بولۇپمۇ، 2005-يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «جاپا مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشتىكى نەمۇنىچى تاموژنا» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، مەملىكەت بويىچە تاموژنا ساھەسىدە بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر ئورۇن بولۇپ قالدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئون تۈردە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تەقدىرلەشكە ئېرىشتى، 2021-يىلىدىن بۇيان، قونجىراپ تاموژنىسى مەملىكەت بويىچە تاموژنا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ماركىسى»، «بىر يۇلتۇز دەرىجىلىك» مەملىكەتلىك مەدەنىي ياشلار كوللېكتىپى، مەملىكەت بويىچە تاموژنا سىستېمىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى بويىچە ئەمەلىي تەربىيەلەش نۇقتىسى، 10-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورگان، 21-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مەدەنىي ياشلار كوللېكتىپى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى، 2023-يىلى، قونجىراپ تاموژنىسى مەملىكەت بويىچە تاموژنا سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

  ئىلغار شەخسلەر ئىلغار كوللېكتىپنى تەشكىل قىلىدۇ، ئىلغار كوللېكتىپ ئىلغار شەخسلەرنى يارىتىدۇ. ئەۋلادمۇئەۋلاد قونجىراپ تاموژنىسى خادىملىرى ئىچىدە نۇرغۇن ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى. مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى ليۇ جىڭخۇا، مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى، مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ئايال ئىشچى-خىزمەتچى مەلىكەم ئەخەت، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى، مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىكى ئىلغار خىزمەتچى قاينام ئىمارەتشاھ، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى قاسىم ھاشىم، دۇنيا تاموژنا تەشكىلاتى زەھەر چەكلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى پولات ئىگەمبەردى... تۈركۈم-تۈركۈم ئىلغار تىپلار پارتىيە بايرىقىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى.


  قونجىراپ تاموژنىسىدا ھازىر ئىشتاتتىكى تاموژنا خادىمىدىن 35ى بار بولۇپ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، تاجىكدىن ئىبارەت ئۈچ مىللەتتىن تەركىب تاپقان، ئوتتۇرىچە يېشى 35 ياش. ئۇلار قونجىراپ تاموژنىسىدىكى ھەر بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە ئوخشاش «ئوكسىگېن كەمچىل بولسىمۇ روھ كەمچىل بولماسلىق»، «جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەش، جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە نەتىجە يارىتىش»تەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىغا ئەمەل قىلىپ، ئېگىزلىك چېگراسىدا داۋاملىق چىڭ تۇردى.

  شەرەپ ئۆتمۈشكە مەنسۇپ، سادىقلىق ئەزەلدىن ئۆزگەرگىنى يوق. پامىر ئېگىزلىكىدە قونجىراپ تاموژنىسىدىكىلەر داۋاملىق «تۆت پەۋقۇلئاددە روھ»قا ۋارىسلىق قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان تاموژنا قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانماقتا.