ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئوبراز | سەنيى ئېغىر سانائەت-ھاسلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى زاكازنى چۆرىدەپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا

日期:2023年09月18日
来源:新疆日报
【字体:


9-ئاينىڭ 8-كۈنى، سەنيى ئېغىر سانائەت-ھاسلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى سەنيى (تارباغاتاي) شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى تەييار مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرمەكتە.

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا خەۋىرى، فوتوسى) سەنيى ئېغىر سانائەت-ھاسلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى تارباغاتاي يېڭى ئېنېرگىيە يېڭىلىق يارىتىش كەسپى رايونى قۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك قاتناشقان كارخانىلارنىڭ بىرى، شىركەت ئاساسلىقى شامال گېنراتورى ياپراقچىسى ۋە ئاساسىي گېنراتور ياساش تۈرىگە مەبلەغ سالغان. 2021-يىلى سەنيى ئېغىر ئېغىر سانائەت-ھاسلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى تارباغاتاينىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارنى كۆزلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش-ئېچىۋېتىش سىناق رايونى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونىغا ماكانلاشتى. شىركەت قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ياپراق سېخى، ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش سېخى، ئامبار، ئىشلەپچىقىرىش قوشۇمچە ئۆيى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تاماملاپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىركەت زاكازنى چۆرىدەپ ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 17 تۈركۈم قېتىم مۇنار سىلىندىرى زاپچاسلىرى، ياپراق قاتارلىق شامال گېنراتور ئۈسكۈنىلىرىنى باقتۇ پورتى ئارقىلىق قازاقىستانغا يولغا سالدى، 5-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 150 مىليون يۈەن بولدى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈر تارباغاتاينىڭ شامال كۈچى بايلىقى مول، ئەمما شامال گېنراتورى جابدۇقى ياسىمىچىلىقى يوق بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇپلا قالماي، تارباغاتاي ئۈچۈن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق بويىچە يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى جابدۇقى ياساش بازىسى قۇرۇپ بەردى، يەنە تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونىنىڭ مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا يۈزلەنگەن مۇھىم كۆزنەككە ئايلىنىشىغا كۈچ قوشىدىكەن.