​مۇھىم ئېنېرگىيە بايلىقلىرىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

日期:2023年09月17日
来源:新疆日报
【字体:

ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

مۇھىم ئېنېرگىيە بايلىقلىرىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، جىمىسار، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى، تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق نۇقتىلىق بايلىقلىرى ۋە كەسىپلىرىنىڭ مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ما شىڭرۇي جىمىسار ناھىيەسى شۇنتۇڭ كۆمۈر كېنىغا كېلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىگە كىرىپ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مەھسۇلات مىقدارى، كۆمۈرنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كۆمۈر كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا پائال ئۇيغۇنلىشىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر بايلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ، كەسىپلەشتۈرۈپ ئېچىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى تاپىلىدى.

جىمىسار ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگوۋ كان رايونىدىكى كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىش تۈرى نەق مەيدانىغا كېلىپ، ما شىڭرۇي ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، تېخنىكىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالى ۋە سۇيۇقلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى تۈرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش مۇھىم پۇرسىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخنىكا قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېچىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىشىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پائال تۈردە ئېنېرگىيە بىلەن بىخەتەر، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنىڭ يېڭى كاپالىتىنى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ جىچىڭ نېفىتلىكىدە، ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن شۇ جاينىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ تارقىلىش، ئېچىپ پايدىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش خىزمىتى سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

جىمىسار ناھىيەسىنىڭ شىندى يېزىسى شياۋفېنزى كەنتى ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك قىياپىتى ۋە يەرلىك ئۆرپ - ئادەتلەردىن پايدىلىنىپ، يىراق - يېقىنغا داڭلىق «رەسساملار كەنتى»نى بەرپا قىلىپ شەكىللەندۈردى. ما شىڭرۇي رەسساملار ئىشخانىسىغا كىرىپ، رەسساملارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، سەنئەت ئىجادىيىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، دېھقانلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئائىلە تۇرمۇشى ۋە كىرىم ئەھۋالى قاتارلىقلارنى سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا - كەنت كەسىپلىرىدە قىممەتلىك بولغىنى خاسلىق. يېزا - كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيە، خەلق ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيەت قاتارلىق بايلىقلىرىنى يەنىمۇ قېزىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن بولۇشىغا، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە بايلىقى شىنجاڭنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئېنېرگىيە تاماق قاچىسىنى جەزمەن ئۆز قولىمىزدا تۇتۇشىمىز كېرەك» دېگەن ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاس ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كۆمۈرنى ئاساس، نېفىت - تەبىئىي گازنى ئاچقۇچ، يېڭى ئېنېرگىيەنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆمۈرنى ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل يېتىلدۈرۈپ ۋە قويۇپ بېرىپ، نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ زاپىسىنى كۆپەيتىش، مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىش كۆلىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ سىجىل تۈردە مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا تىرىكىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشنى ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ ۋە توپلاپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسى ۋە تەخىرسىز ئېھتىياجنى چىڭ كۆزلەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈشكە ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئالىي دەرىجىلىكلەشكەن، يېشىللاشقان، توپلاشقان تەرەققىيات يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ تۆۋەن ئېقىنغا قاراپ كېڭىيىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئاچقۇچلۇق ھالقا، نۇقتىلىق ئورۇنلارغا چىڭ قادىلىپ، خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.