ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2023年09月17日
来源:新疆日报
【字体:

​ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى سىجىل كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى مەركەزلىك ئۆگىنىلدى ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، مەملىكەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش كاتىپلىرى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى سىجىل كۈچەيتىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە كېۋەز سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، مەملىكەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش كاتىپلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، تۈزۈپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسى بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانىسى)نىڭ «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ئاممىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، مەۋقەنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى زىيارەتكە چىققاندا ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىش، شىنجاڭ ساداسىنى تېخىمۇ كۆپ تارقىتىش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى سىجىل ياخشى سۆزلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملىك تەرەققىيات خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تىرىشىپ رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزلەپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاشلىق - ياغ كەسىپلەر توپى قۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»نى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سورت يېتىشتۈرۈش، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تېخنىكىلىق بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئەڭ يېڭى پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە قورالى، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقى قاتارلىق شەكىللەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ پاختا كىرىمى سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كېۋەزنى ئىلمىي تېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، پاختا كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن داڭلىق مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك يىرىك پىلانىنى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، «پاسسىپ تىزىملىك» ئىجازەت سىياسىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەن چەك چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە مۇۋاپىق ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.