ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

日期:2023年09月17日
来源:新疆日报
【字体:

​ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىنى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىنى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېت 5 - يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار ئۆگىنىلىدۇ، ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى»نى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش نىزامى لايىھەسىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت نىزامى لايىھەسىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى لايىھەسىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش قائىدىسى لايىھەسىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەيياڭ شەھەرلىك 1 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى نىزامىنىڭ لايىھەسىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ياۋا مېۋە ئورمىنى بايلىقىنى قوغداش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا يول يۈزىنى تېيىلمايدىغان قىلىش بەلگىلىمىسى» ۋە «قاراماي شەھىرىنىڭ مەدەنىي ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەھەر موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «تۇرپان شەھىرىنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىللىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتى (يازما) قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2022 - يىللىق ئاپتونوم رايون پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىز سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى قاراپ چىقىلىدۇ.

يىغىندا يەنە باشقا قارالمىلار قاراپ چىقىلدى.

توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.