شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى

日期:2023年09月17日
来源:新疆日报
【字体:

(2022 - يىل 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(79 - نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 - يىغىنىدا 2022 - يىل 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2022 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2022 - يىل 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش

3 - باب ئاشلىق زاپاس ساقلاش

4 - باب ئاشلىق ئوبوروتى

5 - باب ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش

6 - باب جىددىي تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى

7 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ نىزام ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاشلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش مەقسىتىدە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

3 - ماددا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسلىقى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇشنى، ئاشلىق تەمىنات - تەلىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى، ئاشلىقنىڭ بازار باھاسىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇشنى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇشنى، ئاشلىق سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش دېمەكتۇر.

4 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش تەلىپى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاشلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى، زاپىسى، بازار تەمىناتى، خىراجىتى قاتارلىق كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىق كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىشىشقلاش، سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كوچا ئىش باشقارمىلىرى تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

5 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جەھەتتە ھەمكارلىشىش، زاپاس ساقلاشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، جىددىي تەڭشەش - تىزگىنلەش قاتارلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە ساھە يېتەكچىلىكى خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي گەۋدىسىنى يېتىلدۈرۈش، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، پەن - تېخنىكا، مالىيە، تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيە - مۇھىت، قاتناش - تىرانسپورت، سۇچىلىق، سودا، سەھىيە - ساغلاملىق، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئىستاتىستىكا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قانۇن - نىزام بويىچە ئادا قىلىدۇ.

6 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاش، سېتىش، توشۇش قاتارلىق ھالقىلاردا ئاشلىق تېجەش، زىياننى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئاشلىقنى قەدىرلەش - تېجەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ ھەمدە ئۇنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئىلمىي ئىستېمالنى تەشەببۇس قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ۋە ئاشلىقنى قەدىرلەش - تېجەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ئاشلىق، يېمەك - ئىچمەك تىجارەتچىلىرى ئاشلىق ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تەدبىر قوللىنىپ ئاشلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى، خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.

پۇقرالار ئاشلىقنى قەدىرلەش - تېجەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېجەيدىغان ساغلام ئىستېمال ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاشلىق ئىسراپ قىلىش قىلمىشىنى ئاڭلىق توسۇشى كېرەك.

7 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالىشى، سىنىشى كېرەك.

ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇنلار ۋە شەخسلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

2 - باب ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش

8 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانى تۈزۈپ، شۇ جاينىڭ تۇپراق، سۇ بايلىقى، يېزا ئىگىلىك كىلىمات بايلىقى قاتارلىق شارائىتلىرىغا قاراپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا ئۆستۈرۈپ، رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

9 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايونىدىكى تېرىلغۇ يەرنى قوغداشقا ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇپ، تېرىلغۇ يەرنى ئالاھىدە قوغداپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تىزگىنلەشنى چىڭىتىپ، ئىگىلىۋالغان تېرىلغۇ يەر بىلەن تولۇقلانغان تېرىلغۇ يەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە يىللىق ئىشلىتىلگەن تېرىلغۇ يەر بىلەن قايتۇرۇلغان تېرىلغۇ يەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز كۆلىمى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى كۆلىمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا نۇقتىلىق ئىشلىتىش، تېرىلغۇ يەرنى ئالدى بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىش، تېرىلغۇ يەرنى ئاشلىقتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

10 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مۇناسىپ يۆلەش سىياسىتىنى چىقىرىشى كېرەك.

ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلار ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملىشى، ئۆستۈرۈشى؛ ئاشلىق كۆپ چىقمايدىغان جايلار ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشى ھەمدە ئۆستۈرۈشى كېرەك.

11 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى ئاساس قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونلىرى، ئاشلىق كەسپى بەلباغلىرى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - قوغداش رايونلىرىنى ئايرىشنى تەشكىللىشى ھەمدە قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئۇنى قاتتىق قوغدىشى ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى كېرەك.

بېكىتىلىپ بولغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونلىرى، ئاشلىق كەسپى بەلباغلىرى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - قوغداش رايونلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

12 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ بايلىقىنى پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇۋاپىق سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

13 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېتىز سۇغىرىش، سۇ چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى ۋە ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسىنى قوغداپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېتىز - ئېرىق سۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

14 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مەسئۇل تارمىقى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ ئىشلىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولغان تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش - شۈدىگەرلەش دېگەندەك دېھقانچىلىق - تېرىقچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، دېھقانچىلىق دورىسى، ئوغۇت، يېزا ئىگىلىك يالتىراق يوپۇقى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىلمىي ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، ئىلھام بېرىشى كېرەك.

15 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقىنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، يېڭىلاش ۋە كېڭەيتىپ ئىشلىتىشكە يار - يۆلەك بولۇپ، ئۇرۇق بازىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇق تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى؛ ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش ئۇل نەزەرىيەسى، يادرولۇق تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشكە، ئۇرۇق پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

16 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ يېزا ئىگىلىك تەبىئىي ئاپەتلىرىنى كۆزىتىش - سىگنال بېرىش سىستېمىسى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

17 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تېرىلغۇ يەر سانى ۋە سۈپىتىنى كۆزىتىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش نازارەتچىلىكىنى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى تېرىلغۇ يەرگە ئاشلىق تېرىش ئەھۋالىنى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى ئىچىدىكى نىشانلىق زىرائەتلەرنى تېرىش ئەھۋالىنى ئۇدۇللۇق كۆزىتىپ باھالىشى كېرەك.

18 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە كارخانىلارنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى سورتلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشىنى قوللاپ، ئاشلىق كەسپى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك، كاپالەتلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېشىل، سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭى سورتلارنى تېرىشقا يېتەكلەپ ۋە مەدەت بېرىپ، بىرلىك كۆلەم مەھسۇلات مىقدارىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق)، يېزىلىق (بازارلىق) يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى يېتىشتۈرۈش، تېخنىكىلىق يېتەكلەش، مەسلىھەت مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

19 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مالىيە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق خەۋپ - خەتىرى فوندى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللاش، قوغداش تەدبىرلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېرىش بويىچە مۇكاپاتلاش - تولۇقلىما بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق تېرىقچىلىقىدىكى مۇۋاپىق پايدىنى قوغدىشى؛ مالىيە ياردەم پۇلى بېرىش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قەرز پۇل بېرىش، سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قىلىشقا يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ ئائىلىلەر، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش قاتارلىق ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاساسىي گەۋدىلەرگە يار - يۆلەك بولۇپ ۋە ئۇلارنى يېتىلدۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئاشلىق تىجارىتىنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى چېتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى رىغبەتلەندۈرۈشى، يېتەكلىشى كېرەك.

20 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلارغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلار ۋە دائىملىق ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيە، ياغلىق دان كۆپ چىقىدىغان ناھىيە، ئۇرۇق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرگە قارىتىلغان مالىيە يۆتكىمە چىقىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلار ياكى ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە سىناش داۋامىدىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

3 - باب ئاشلىق زاپاس ساقلاش

21 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.

يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسى ئەسلىي ئاشلىق، تەييار ئاشلىق ۋە يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ، ئاشلىق تەمىنات - تەلىپىنى تەڭشەشكە، ئاشلىق بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، ئېغىر تەبىئىي ئاپەت، ئېغىر يۇقۇم ياكى باشقا تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

يەرلىك ھۆكۈمەت ئاشلىق زاپاس ساقلاشتا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك زاپاس ساقلاشنى ئاساس، ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون) دەرىجىلىك زاپاس ساقلاشنى قوشۇمچە قىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولىدۇ، دەرىجىگە ئايرىپ زاپاس ساقلايدۇ، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرىدۇ.

كۆلەملىك ئاشلىق پىششىقلاش كارخانىلىرى كارخانا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت زاپىسى تەسىس قىلىشى كېرەك، كونكرېت ئۆلچىمى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ. ئاشلىق تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ مۇۋاپىق سودا ئامبار زاپىسى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش باشلامچى كارخانىلىرى، ئائىلىلەر ئۆز ئالدىغا ئاشلىق ساقلاشقا يېتەكلىنىدۇ.

22 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى(مەمۇرىي مەھكىمە)نىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئاشلىق زاپاس ساقلاش كۆلىمىنى بېكىتىدۇ، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئاشلىق زاپاس ساقلاش كۆلىمىنى بېكىتىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپاس ساقلاش رايونىنىڭ جايلىشىشى ۋە سورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بېكىتىلگەن كۆلەم بويىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت زاپاس ساقلايدىغان ئاشلىقنى ۋاقتىدا، تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىقدارى راست، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، سۈپىتى ياخشى، ساقلىنىشى بىخەتەر، تەڭشەپ ئىشلىتىلىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

23 - ماددا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش خىراجىتىنى ئاشلىق ھوقۇق تەۋەلىكى بويىچە تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى يۈرۈشتۈرۈش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، زاپاس ساقلاشنى باشقۇرۇش خىراجىتىنى ئۇدۇللۇق تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس ئاشلىقى يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبتىن زىيانغا ئۇچرىسا، ئاشلىق ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ.

24 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يەرلىك ئاشلىق يىغىش - ساقلاش ۋەزىپىسىگە ماس كېلىدىغان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىقنى ئامباردا ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشقان ئاشلىقنى ئامباردا ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قۇرۇپ، جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇشى، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس ئاشلىقنى ئەقلىيلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاشلىق ساقلاشنى يېشىللاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئامباردا ساقلاشنى باشقۇرۇش تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىشى، قوللىنىشى كېرەك.

يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس ئاشلىق ئامبىرى ئەتراپىدىكى بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە ئامباردا ساقلانغان ئاشلىقنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىدىغان بۇلغىما مەنبەسى، خەۋپ مەنبەسى بولۇشقا، ھۆكۈمەت زاپىسىنى نورمال ساقلاپ باشقۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىھە بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

25 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس ساقلايدىغان ئاشلىق سورتى ئالاھىدىلىكى، ساقلاش سۈپىتى كۆرسەتكۈچى ۋە بازار قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراپ، يىللىق نۆۋەتلەشتۈرۈش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا نۆۋەتلەشتۈرۈپ، بازار ئاشلىق باھاسىدا چوڭ داۋالغۇش بولۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

26 - ماددا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى ساقلىغۇچى كارخانىلىرى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، يەرلىك ئاشلىق زاپاس ساقلاش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك:

(1) ئىچكى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش؛

(2) زاپاس ساقلىنىدىغان ئاشلىق مىقدارىنىڭ راستلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئامبار زاپىسى بىلەن ئەمەلىي ھېسابات ئۇدۇل كېلىشى، ھېسابات بىلەن ھېسابات ئۇدۇل كېلىش، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئامباردىكى زاپاس ئاشلىقىنىڭ خورىشىدا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش؛

(3) زاپاس ئاشلىق سۈپىتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئاشلىق زاپىسىنىڭ بەلگىلەنگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

(4) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق زاپاس ساقلاشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەخسۇس ئامباردا ساقلاش، مەخسۇس ئادەم باشقۇرۇش، مەخسۇس ھېسابقا خاتىرىلەشنى يولغا قويۇش.

27 - ماددا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، توپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاشلىق كارخانىلىرى ئالدىنقى يىلدىكى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تىجارەت مىقدارىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن كەم بولمىغان ئاشلىقنى ئامباردا ساقلىشى، توپ ساتقۇچى يەككە سودا - سانائەتچىلەر ۋە ئاشلىق ساتقۇچى چوڭ - چوڭ تاللا بازارلار ئالدىنقى يىلدىكى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تىجارەت مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كەم بولمىغان ئاشلىقنى ئامباردا ساقلىشى كېرەك.

پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن، ئەڭ يۇقىرى بولغان ئامباردا ساقلاش مىقدارى ئۆلچىمىنى ۋە كونكرېت يولغا قويۇش ۋاقتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ.

28 - ماددا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئاشلىق زاپىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئاشلىق زاپىسىنى ئىشلىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرسە بولىدۇ.

يەرلىك ھۆكۈمەت ئاشلىق زاپىسىنى ئىشلىتىشتە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ئامبار زاپىسىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

4 - باب ئاشلىق ئوبوروتى

29 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق ئوبوروتى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان ئاشلىق بازىرى سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنى ئاشلىق تىجارىتى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئاشلىقنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

30 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئاشلىق ساقلاش ئەسلىھەسى، ئاشلىق توپ سېتىش بازىرى، ئاشلىق ئوبوروتى، پىششىقلاش باغچە رايونى، پورت ئامبىرى قاتارلىق ئاشلىق ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللىشى كېرەك. ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئاشلىق ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئاشلىق ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

31 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق تىرانسپورت ئىقتىدارىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار قاتناش - تىرانسپورت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئاشلىق تەمىناتىنى جىددىي ئەھۋالدا كاپالەتلەندۈرۈشتەك پەۋقۇلئاددە مەزگىللەردە، ئاشلىق تىرانسپورتىنى ئاۋۋال كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

32 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئىلمىي پىلانلاپ جايلاشتۇرۇپ، ئاشلىقنى دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىنچىكە تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش، ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ پىششىقلاشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ئاشلىق پىششىقلاش يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى ھۈنىرى، يېڭى ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى كېڭەيتىپ، ئاشلىقنى مۇۋاپىق پىششىقلاش ۋە قوشۇمچە مەھسۇلاتلاردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاشلىقنىڭ خورىشىنى ئازايتىش كېرەك.

داڭلىق، ئالاھىدە، ئېسىل ماركىلارنى يېتىلدۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات بازىرىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

33 - ماددا ئاپتونوم رايون كۆپ مەنبەلىك ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ ئاشلىق تىجارىتى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەش داۋامىدىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىگە قاراپ، مالىيە ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇغداي قاتارلىق نۇقتىلىق ئاشلىق سورتلىرىنى سىياسەت خاراكتېرلىك سېتىۋېلىپ ۋە ساقلاپ، ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق كارخانىسى، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قاتارلىق بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن ۋاكالىتەن ئېنىقلاپ بېرىش، ۋاكالىتەن قۇرۇتۇپ بېرىش، ۋاكالىتەن ساقلاپ بېرىش، ۋاكالىتەن پىششىقلاپ بېرىش، ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىش قاتارلىق كەسىپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

34 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى - تاشقى ھەمكارلىققا قاتنىشىپ، ئارتۇق - كېمىنى تەڭشەپ، ئاشلىق تەمىنات - تەلەپ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق مەنبەسىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

35 - ماددا ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاش، سېتىش، توشۇش قاتارلىق تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاشلىق تىجارەتچىلىرى مۇناسىۋەتلىك شەرتلەرگە ئۇيغۇنلىشىشى، ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن - نىزام، ئۆلچەم ۋە تېخنىكا قائىدىسى قاتارلىقلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.

ئاشلىق سېتىۋالغۇچى كارخانىلار سېتىۋالىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا سېتىۋالىدىغان ئاشلىقنىڭ مىقدارى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى قەرەللىك مەلۇم قىلىشى؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ ئاشلىق سېتىۋالغۇچىلار يەنە شۇ كارخانا بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاشنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر، شۇنىڭدەك يەم - خەشەك كارخانىلىرى، سانائەتكە ئاشلىق ئىشلىتىدىغان كارخانىلار ئاشلىق تىجارىتى قونداق ھېساباتى تۇرغۇزۇشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش، سېتىشقا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى يوللىشى كېرەك.

ئاشلىق بازىرى ئۇچۇرى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلار ئوبيېكتىپ، ئادىل، ئېھتىياتچان بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق بازىرى ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە توپلاپ ۋە ئېلان قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىقنى ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلىشىگە، جەمئىيەت ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاشلىق بازىرى ساختا ئۇچۇرىنى توقۇپ چىقىشىغا، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

36 - ماددا ئاشلىق تىجارەتچىلىرى سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق تىجارىتى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىقى كېرەك:

(1) سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىقنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىۋېلىش ياكى سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق ئارقىلىق قەرزگە كېپىل بولۇش ياكى قەرز تۆلەش؛

(2) يىغىپ ساقلىنىدىغان ئاشلىق مىقدارىنى يالغان مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇش؛

(3) كونىسىنى يېڭى قىلىپ، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ يۇقىرى باھادا ھېسابقا قوندۇرۇش، ساختا سېتىۋېلىش - سېتىش، ساختا ئالماشتۇرۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھايىنىغا سېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاشلىق باھا پەرقى، مالىيە ياردەم پۇلىنى كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، كىرېدىت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛

(4) سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىقتىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت ھاۋالە قىلغان سىياسەت خاراكتېرلىك ۋەزىپە دائىرىسىگە كىرمەيدىغان باشقا سودا تىجارەتلىرىنى قىلىش؛

(5) سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىقنى ئامباردىن چىقىرىدىغان چاغدا ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، نىشان نەرسىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش، ئامباردىن چىقىرىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋېلىش ياكى ئامباردىن چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلىش؛

(6) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق تىجارىتىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق دېگىنىمىز، ھۆكۈمەت ئاشلىق تىجارەتچىلىرىگە سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاش، سېتىشنى بېكىتىپ بەرگەن ياكى ھاۋالە قىلغان ھەمدە مالىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت خاراكتېرلىك قوللىغان ئاشلىقنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ جىددىي ئەھۋالدا سېتىۋالغان ئاشلىق، يەرلىك ھۆكۈمەت زاپاس ئاشلىقى، ۋاقىتلىق زاپاس ئاشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ.

5 - باب ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش

37 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ ئاشلىق تەمىناتى، باھاسى، سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆزىتىش - سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاشلىق سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئاپپاراتى ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىنى قۇرۇپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ تەۋەلىك بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئاشلىق زاپاس ساقلىغۇچى كارخانىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە زاپاس ساقلاشنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاشلىق تىجارەتچىلىرىنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئوبوروتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.

يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارمىقى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوغداش سىياسىتى، ئۆلچىمى، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك يەم - خەشەك پىششىقلاش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ.

بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاشلىق تىجارىتى پائالىيىتى داۋامىدىكى بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ سودا قىلىشنى، شۇنىڭدەك باھا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ؛ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى - تىجارىتى ھالقىسىدىكى ئاشلىق سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ.

سودا، تاموژنا تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاشلىق ئىمپورت - ئېكسپورتىدىكى سۈپەت بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ.

ئاشلىق سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىشكە كېرەكلىك خىراجەتنى قانۇن - نىزام بويىچە شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈش كېرەك، ئۇنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش ئوبيېكتىدىن ئېلىشقا بولمايدۇ.

38 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ئاشلىق تىجارەتچىلىرىنىڭ سۈپەتنى سۈرۈشتۈرۈش - باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشىغا نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ئاشلىق تىجارەتچىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ساختا، ناچار ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ سېتىش قىلمىشىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشى كېرەك.

39 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاشلىق ئامبار زاپىسىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئامباردا ساقلانغان ئاشلىقنىڭ مىقدارى، سۈپىتى ۋە زاپاس ساقلاش بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىستېمال قىلىش ھالقىلىرى ۋە تەمىنات - تەلەپنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىستاتىستىكا قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

40 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ئاشلىق تىجارەتچىلىرىنىڭ ئاشلىق سۈپىتى بىخەتەرلىكى ئىناۋەت ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش نەتىجىسى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، ئىناۋەت دەرىجىسىنى تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىشى، باشقۇرۇشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كۆلەملىك ئاشلىق تىجارىتى كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، لەۋزىدە تۇرغانلارنى بىرلىشىپ رىغبەتلەندۈرۈش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.

41 - ماددا ئاشلىق تىرانسپورت قورالى، ئوراش - قاچىلاش ماتېرىيالى دۆلەت ئۆلچىمىگە ۋە تېخنىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىش كېرەك، ئاشلىقنى بۇلغانغان تىرانسپورت قوراللىرى ياكى ئوراش - قاچىلاش ماتېرىياللىرى بىلەن توشۇشقا، ئوراش - قاچىلاشقا يول قويۇلمايدۇ.

42 - ماددا ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ئاشلىق تىجارەتچىلىرى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلىدىغان ئاشلىقنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئاشلىق سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاشلىق سۈپىتىنى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئامبارغا نەدىن كەلگەنلىكى ۋە نەگە سېتىلغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دائىر سۈپەت بىخەتەرلىكى ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

ئاشلىق تىجارەتچىلىرى ئامبارغا كىرىدىغان - چىقىدىغان ئاشلىقنى سېتىۋېلىش ۋە سېتىشتا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، سۈپەت بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن ئاشلىقنى سېتىشقا، ئامباردىن چىقىرىشقا بولمايدۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ئاشلىقنى ئوزۇقلۇق ئاشلىق بازىرىغا سېلىشقا ياكى يېمەكلىك پىششىقلاش خام ئەشياسى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

43 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلچەم چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئاشلىقنى بىر ياقلىق قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئۆلچەم چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئاشلىقنى بىر ياقلىق قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئېغىر مېتال، زەمبۇرۇغ زەھىرى، دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا تەركىبى دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىدىكى چەكلىك مىقدار تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، قارا ئاشلىق قاتارلىق تارتىلمىغان ئاشلىقلارنى قەتئىي تۈردە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچىمى ۋە بەلگىلىمىسى بويىچە بىر ياقلىق قىلىشى كېرەك.

44 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆلچەم چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئاشلىقنى بايقىسا، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنى سېتىشنى دەرھال توختىتىشقا، سېتىلىپ بولغان ئاشلىقنى قايتۇرۇپ كېلىشكە بۇيرۇشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بىر ياقلىق قىلىشى كېرەك.

ئاشلىق تىجارىتى ئاساسىي گەۋدىلىرى ئاشلىق سۈپىتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى بايقىسا، سېتىشنى دەرھال توختىتىپ، سېتىلىپ بولغان ئاشلىقنى قايتۇرۇپ كېلىپ، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر ياقلىق قىلىشى ھەمدە تىجارەت پائالىيىتى بولغان جايدىكى ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

45 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش قانۇن ئىجراسى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، خىزمەتكە لايىق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنى قويۇشى، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىشى، قانۇن ئىجراسى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇن ئىجرا كۈچىنى تولۇقلىشى كېرەك.

قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈلگەن نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشى كېرەك.

46 - ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتى ھەققىدە پىكىر - تەكلىپ بېرىشكە، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

6 - باب جىددىي تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى

47 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تەۋەلىك ئاساس قىلىنىدىغان، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولىدىغان ئاشلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاشلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاشلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

48 - ماددا ئېغىر تەبىئىي ئاپەت، ئېغىر يۇقۇم ياكى باشقا تاسادىپىي ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن ئاشلىق بازىرىدىكى تەمىنات - تەلەپتە زىيادە داۋالغۇش، تەڭپۇڭسىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئاشلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئىشقا سېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيەت - ئىش تەقسىماتى بويىچە، بازار تەمىناتىنى ۋاقتىدا كۆپەيتىپ، ئاشلىق باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇشى، ئاشلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاشلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەھۋالى يۈزبەرگەن جايدىكى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، خەلق ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئاشلىق بازىرى تەرتىپىنى قوغداشقا ياردەملىشىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

49 - ماددا ئاشلىق جىددىي ھالىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاشلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسىنى چۈشۈرگەن خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا توختىتىپ، ئاشلىق جىددىي ھالىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەمدە ئاشلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقتىن زىيان تارتقان ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

50 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، شۇ جاينىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىق تەمىناتىغا مۇناسىپ ئاشلىق جىددىي كاپالەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئاشلىق جىددىي كاپالىتى - تەمىناتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا كېرەكلىك ئاشلىق مەنبەسى، شۇنىڭدەك ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، توشۇش ۋە تەمىنلەش قاتارلىق جىددىي كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ۋە تەربىيەلەش ئىشلىرىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، جىددىي كاپالەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

51 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن كىرىملىكلەرنى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان كەنت (شەھەر) ئاھالىسىنى ئاشلىق تەمىناتى بىلەن قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ئاشلىق ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

7 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

52 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن - نىزام بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

53 - ماددا ئاشلىق بازىرى ساختا ئۇچۇرىنى توقۇپ چىقىرىپ، يېيىپ، تارقىتىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلارنى ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

54 - ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ھەققىدە قانۇن - نىزاملاردا قانۇن جاۋابكارلىقىغا دائىر بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

8 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

55 - ماددا بۇ نىزام دادۇر، ياغلىقدان، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاش، سېتىش، توشۇش قاتارلىق تىجارەت پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

56 - ماددا بۇ نىزام 2022 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)