ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى

日期:2023年09月16日
来源:新疆日报
【字体:

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يوپۇقنى ئاچتى خې جۇڭيوۋ مۇراسىمغا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بىرلىكتە يوپۇقنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا گېئولوگىيە ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، تىرىشىپ قېزىلما بايلىقلارنى چارلاشقا ئالاقىدار ساھەلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتا رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى تاپىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا، ئالاقىدار يولداش ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارنى ئوقۇپ ئۆتتى، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ـ قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى، رەڭلىك مېتال گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى، كۆمۈرلۈك گېئولوگىيە ئىدارىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قۇرۇلغان، ئاپتونوم رايوننىڭ گېئولوگىيە ـ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلان تەتقىقاتى، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، قېزىلما بايلىقلاردىن يېشىل ئېچىپ پايدىلىنىشنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل ئېنېرگىيە بايلىقلىرىدىن ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

چېن ۋېيجۈن يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شياۋ ۋېنجياۋ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە كارخانا ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.