تارىخىي نەزەر ۋە كەلگۈسى نەزەر بىلەن زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھىرى قۇرۇپ چىقىش

日期:2023年09月16日
来源:新疆日报
【字体:

دىققەتنى ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەرنىڭ شەھەر پىلانلاش، قۇرۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈش −

تارىخىي نەزەر ۋە كەلگۈسى نەزەر بىلەن زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھىرى قۇرۇپ چىقىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ لېي، ۋاڭ شىڭرۇي

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ كۈنسېرى موللىشىشىغا ئەگىشىپ، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، شىنجاڭ قانداق قىلىپ شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىدۇ؟ قانداق قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھىرىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقرالارنى خاتىرجەم ياشاش، شەھەرلەرنى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ؟

9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يىغىن مەركىزىدە ئېچىلغان شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، يەرلىك كادىرلار ھەمدە ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە، كارخانا مەسئۇللىرى تونۇشى ۋە پىكرىنى سۆزلىدى.

نېمىشقا بۇ ئۈچ شەھەر تاللاندى؟

«شىنجاڭدىكى شەھەرلەر ئىنتايىن روشەن بوستانلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ھەربىر تەشكىلىي بۆلەكتە كۆپ ھاللاردا پەقەت بىرلا مەركىزىي شەھەر بار.» دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دۇ خۇڭرۇ.

شىنجاڭنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرى ئەزەلدىن قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا بازىرى بولۇپ، ھازىر 1500 كىلومېتىر دائىرىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر بولۇپ قالدى. شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشتا، ئۈرۈمچى ئىشنى قالتىس باشلىدى.

«ئىلىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى روشەن، مەركىزىي شەھىرى بولغان غۇلجا شەھىرى خەلقئارا ئالاقە زالى، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇتۇپى، زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە.» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شيۇلى مۇنداق دېدى: ھازىر غۇلجا − قورغاس رايونىدىكى شەھەرلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش بىرتۇتاش پىلانلىنىۋاتىدۇ، قورغاس بولسا پورت تىپىدىكى ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەك شەھەر، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم يول، چېگرا سودىسى جانلانغان ئېگىزلىك ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇتۇپى.

شىنجاڭنىڭ شاھمات كۆزى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدا قەشقەر «شاھمات كۆزىنىڭ كۆزى» ھېسابلىنىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نيې جۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەر دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، رايون ئورنى شارائىتى ئالاھىدە، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم.

جۇڭگو شەھەر پىلانلاش ـ لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ كەي مۇنداق قارىدى: بۇ ئۈچ زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھىرىگە تارىخىي نەزەر ۋە كەلگۈسى نەزەر بىلەن قارىشىمىز ۋە ئۇنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك، ئۇلارنىڭ ئورنى ۋە رولىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، تەڭداشسىز مۇھىم خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

قانداق قىلغاندا شەھەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك، ياخشى پىلانلىغىلى، قۇرغىلى بولىدۇ؟

«مەۋقەنى <زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر بەرپا قىلىش>تىن ئىبارەت بۇ ئورۇن بېكىتمىسى يېتەكچىلىكىگە قويۇپ، ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل ئۈرۈمچى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز.» ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياقۇپ پەتتۇللا مۇنداق دېدى: ئېچىۋېتىش تىپىدىكى، يېتەكلەش تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى، ئېكولوگىيە تىپىدىكى، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش تىپىدىكى شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز.

«غۇلجا شەھىرىنى مىليون نوپۇسى بار چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا نۇقتىلىق تۈرتكە بولىمىز، قورغاس شەھىرىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى پورت شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.» ياڭ شيۇلى مۇنداق دېدى: غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان نۇرلۇق مەرۋايىت تىپىدىكى شەھەر توپى بەرپا قىلىمىز.

نيې جۇاڭنىڭ قارىشىچە، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇشتا ئىلمىي پىلانلاپ، مەۋقە قەشقەرنىڭ بىر ئاساس، بىر قوشۇمچە، ئۈچ تايانچ نۇقتا، كۆپ تۈگۈنلۈك شەھەر ـ بازار بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قويۇلۇپ، قەشقەر شەھىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەر توپى رايونى مەركىزى ۋە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قوشۇمچە مەركىزىي شەھىرى قىلىپ بەرپا قىلىنىدىكەن.

زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھىرىنىڭ شەھەرلەر توپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىدا «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ئىنتايىن مۇھىم. «قەشقەر شەھىرى بىڭتۇەن 3 ـ شى تۇمشۇق شەھىرى بىلەن دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى ئورتاق تۈزدى» دېدى نيې جۇاڭ.

ئاپتونوم رايوننىڭ پىلانلاش ـ لايىھەلەش مۇتەخەسسىسى فەن شىن مۇنداق بىلدۈردى: شەھەرنىڭ يادروسى ئادەم، شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەردىكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ، «خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

تىرەكلىك، يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولنى قانداق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؟

شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلاردىن باشقا، پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارمۇ شەھەر پىلانلاش، قۇرۇشقا ئىزچىل چوڭقۇر قاتنىشىپ كەلدى.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جېڭ بىننىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ۋەزىپە ئۆتىگىنىگە ئۇزاق بولمىدى، ئۇنىڭ قارىشىچە، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇشتا كەسىپلەرنى توپلىنىشقا جەلپ قىلىش، نوپۇس توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەم جۇغلاپ شەھەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك.

بۇنىڭغا قارىتا، ياقۇپ پەتتۇللا مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھىرىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا يەنە يۈكسەلدۈرۈشكە تېگىشلىك تەرەپلەر بار، پىلانلاش، قۇرۇشنىڭ ئەقلىي كۈچ تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يىرىك پىلان سىستېمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ فونكسىيەسى، سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلۇش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئۈرۈمچى شەھەر چەمبىرىكىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

نيې جۇاڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: مەركىزىي شەھەرنىڭ باش ئورۇندا تۇرۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش مەسىلىسىگە قارىتا، «قەشقەر شەھەر چەمبىرىكى»نىڭ يادرولۇق يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە، ئىككى رايون» يىرىك پىلانى، كەسىپ، قاتناش، ئاممىۋى مۇلازىمەت، رەقەملىك ئۇچۇرنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

ياڭ شيۇلى مۇنداق بىلدۈردى: زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھىرىنى پىلانلاش، قۇرۇشتا ساقلىنىۋاتقان شەھەرنىڭ خاسلىقى ۋە تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە قارىتا، رايوننىڭ تەبىئەت، ئادىمىيەت خاسلىقى ۋە زامانىۋىلىشىش ئامىللىرىنى نامايان قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلاشقان رايون قىياپىتى ۋە كارىدورى شەكىللەندۈرۈپ، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن شەھەر خاس قىياپىتىنى نامايان قىلىمىز.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سى ۋېيگو مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەر پۈتۈن شىنجاڭ ھەم جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك شەھەر پىلانلاش، قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش داۋامىدا مۇھىم تىرەكلىك، يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز.