ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھىرى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2023年09月16日
来源:新疆日报
【字体:

ما شىڭرۇي سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەرنىڭ شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئالغا سىلجىتتى

ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھىرى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەرنىڭ شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى، دۆلەت ئىچىدىكى شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش مۇتەخەسسىس - ئالىملىرى، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، توغرا ھەم ئېنىق چۈشەنچىلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، تەپەككۇر يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئۈچ جاينىڭ شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇندى، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش سىستېمىلىق پىلانلىنىپ، شىنجاڭچە خاسلىققا، زامانىۋى تۈسكە، دەۋر قىياپىتىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھىرىنى بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەر پۈتۈن شىنجاڭ ھەم جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونلىرىنىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسى بولۇپ، شىنجاڭدا زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم تىرەكلىك، يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئۈچ جاينىڭ پىلانلاش، قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يىغىن ئېچىپ، كۆپ تەرەپتىن پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن، سىستېمىلىق ھالدا شەھەر پىلانلاش، قۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى نازارىتى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى دوكلات قىلدى. ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى شەھەر پىلانلاش، قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. جۇڭگو شەھەر پىلانلاش - لايىھەلەش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن ۋاڭ كەي، دۇڭ كې ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلاش - لايىھەلەش مۇتەخەسسىسى فەن شىن، دۇ خۇڭرۇ قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك خىزمەتلەردىكى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقان ئورنى ۋە رولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق تۈگۈن شەھەرلەرنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش، شەھەر فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش، بوشلۇق يىرىك پىلانىنى ياخشى ئىشلەش، ماس، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، شەھەر قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىنغا قاتناشقان ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇردى.

كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ قىلغان سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شەھەر زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەرنىڭ شەھەر پىلانلاش، قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلمىي پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھىرىنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئۇزاق مەزگىللىك يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇشنى دۆلەتنىڭ خىزمەت پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، پىكىر يولى ۋە نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنى ئاددىي ھالدا شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات ئورنىنى توغرا تېپىپ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تەرەققىيات ئاساسى، خاس ئەۋزەللىكىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، بوشلۇقنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ بىلەن شەھەرنى يۇغۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىكى، قاراتمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نۆۋەتتىكى شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، تۈرلەرنى يولغا قويۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى دەل جايىدا تەتقىق قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۇقرالارنىڭ رازى بولۇش - بولماسلىقىنى، تۇرمۇشىغا قولايلىق بولۇش - بولماسلىقىنى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، شەھەر قۇرۇلۇشىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، شەھەرلەرنى تۈجۈپىلەپ ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، كۆڭۈل ئېچىشقا ماس كېلىدىغان، ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ياخشى مۇھىتنى تىرىشىپ يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىلىم - پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ھەم مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ھەم پائال نەتىجە يارىتىش، ھەم پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپ، ھەم ئىقتىدارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ شەھەر قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەھەرلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ليۇ سۇشې، خا زېڭيوۋ، ياڭ شيۇلى، دۇ خۇڭيەن، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.