سەمىمىي ئۈمىدنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى خىزمەت نەتىجىسىگە ئايلاندۇرىمىز

日期:2023年09月16日
来源:新疆日报
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرىغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرىغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تاموژنا سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدى، چوڭقۇر ئىلھاملاندى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، مەۋقەنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشقا قويۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشىمىز.

9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، قونجىراپ پورتىدا ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، لىق مال بېسىلغان يۈك ساندۇقلىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىللار تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋاتاتتى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قونجىراپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىللار ۋە يولۇچىلارغا چېگرا تەكشۈرۈش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى تەرتىپلىك بېجىرىپ بېرىۋاتاتتى.

«باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى بىزنى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.» بۇ پونكىت ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 2 - ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى خۇاڭ فۇتۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى پورتنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئاساسىي كەسپىگە قويۇپ، پورتلاردىكى تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى چىڭىتىپ، چېگرادىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت دەرۋازىسى پورتىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى پولات مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەيمىز.

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىخو شەھىرىدىكى بىر شوخلا مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ شوخلا ئۆستۈرۈش بازىسىدا، شىخەنزە تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىملىرىدىن ياڭ چاڭخەي بىلەن ۋاڭ زېپېڭ ئېتىزلىقتىكى پىشقان شوخلىلارنى تەكشۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلىدى. تېرىقچىلىق بازىسىنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈشتىن مايسىلاردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشكىچە، يەنە ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكەت ھالىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە تەييار مەھسۇلاتنى ئېكسپورت قىلىشقىچە، بۇ يېمەكلىك پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورت ھالقىسىدا بىردەك شىخەنزە تاموژنىسىدىكى تاموژنا خادىملىرىنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى مەن نەچچە قېتىم ئوقۇدۇم، سەمىمىي سۆزلەر سەمىمىي ئۈمىدنى يەتكۈزدى.» ياڭ چاڭخەي مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىمپورت - ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ تۈرلۈك سىياسەت پايدىسىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشى ئۈچۈن تاموژنىنىڭ كۈچىنى قوشىمىز.

«باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تاموژنا خادىمى بولغانلىقىمدىن قەلبىم چەكسىز ئىپتىخارلىققا تولدى.» ئەركەشتام تاموژنىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى جاڭ شياۋجىڭنىڭ سۆزى ۋە چېھرىدىن ھاياجانلىق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. 12 يىل ئىلگىرى، ئۇ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ۋەتەننىڭ ئەڭ غەربىي چېتىگە كېلىپ تاموژنا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى، ئېگىزلىك تەسىرى، تولىمۇ تۆۋەن تېمپېراتۇرا قاتارلىق قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈردى، ئىزچىل دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. جاڭ شياۋجىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، ئۈمىدىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تاموژنا قوشۇنىنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تۆھپە قوشۇش داۋامىدا ياشلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.

100 يىللىق سودا ئالاقە تارىخىغا ئىگە جېمىنەي پورتى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شىمالىي يولىدىكى مۇھىم دەرۋازا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى پورت بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تولۇق ئادا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى، رىغبەتلەندۈردى.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى پورت بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا بولغان رىغبەت ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش.» شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى جېمىنەي چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پونكىت باشلىقى شۈ جاڭيۇڭ مۇنداق دېدى: كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىم ئېغىر، زور، بۇرچۇم شەرەپلىك. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى قوغدىغۇچىلاردىن بولىمەن.

شىنجاڭ خوتەن شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ شېنشيەنۋەن چېگرا مۇداپىئە ليەنى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىزلىكتىكى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە بولۇپ، كىلىمات شارائىتى ناچار. نەچچە ئەۋلاد چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قار - شىۋىرغان بىلەن جەڭ قىلىپ، قەھرىتان سوغۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بەدىلىگە بۇ جاينى چىڭ ساقلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى كوللېكتىپ ئۆگەنگەندىن كېيىن، چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قاتتىق ھاياجانلاندى، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، مۇداپىئەنى مۇستەھكەملەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى. 2 - دەرىجىلىك شاڭشى ما جۇاڭ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «چېگرا مۇداپىئەسىدىكى ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇرچنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، قاراقۇرۇم روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چېگرا ئېغىزىدا پۇختا يىلتىز تارتىپ، ئېگىزلىكنى چىڭ ساقلاپ، <گۈزەل تاغ - دەريالىرىمىزنىڭ ئالىقانچىلىك يېرىنىمۇ تارتقۇزۇپ قويماسلىق>نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمەن».

ئۇلۇغچات ناھىيەسى جىغىن يېزىسىنىڭ غەربىي شىمال يۆنىلىشىدە ۋۇكېشۇ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى بولۇپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان. 12 يىل چېگرا قوغدىغۇچى بولغان ئابدۇسەيىت ئوروزمەمەت كىچىك ۋاقتىدىلا دادىسىغا ئەگىشىپ ۋۇكېشۇ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدا ئەتراپنى چارلىغان، ئۇ چاغدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىنىڭ شارائىتى ياخشى ئەمەس ئىدى، ھەتتا ئارام ئالىدىغان جايمۇ يوق ئىدى. ھازىر، شارائىت ياخشىلاندى، سۇ، توك يەتكۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە قۇراشتۇرما ئۆي سېلىندى، ئاشخانا بار بولدى.

«باش شۇجىنىڭ چېگرا ئېغىزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەنلىكى قەلبىمىزنى تولىمۇ ئىللىقلىققا تولدۇردى.» ئابدۇسەيىت مۇنداق دېدى: مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، ۋەتىنىمىز قۇدرەت تاپقاندىلا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ، «بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق پوستتا ياخشى تۇرۇپ، ياخشى چارلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى بېغىشلايمەن».