ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش

日期:2023年09月16日
来源:新疆日报
【字体:

− شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بويىچە مائارىپ ھەمكارلىقىنى پائال ئالغا سىلجىتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى خەلق رىشتىنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، مائارىپ خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ.

بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئەمەلىيىتىنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال سىڭىشىپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق رايى ئاساسىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مائارىپ بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى پائال قوشتى.

جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇدى

پۈتۈن زېھنى بىلەن بىر بىخۇا - بىر بىخۇادىن يېزىپ مەشىق قىلدى، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە، شىنجاڭ داشۆ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ خەتتاتلىق دەرسىدە، رۇسىيەلىك ئوقۇغۇچى بى شىنشىن جۇڭگو خەتتاتلىقىنىڭ جەلپكارلىقىغا مەھلىيا بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگونى بەك ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا بۇ يەرگە كېلىپ تىل ئۆگىنىشنى تاللىدىم، كەلگۈسىدە جۇڭگودا قېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئويلاشتىم».

بى شىنشىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى. دۆلىتىمىزنىڭ ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپاتىغا تايىنىپ، ئۇ ئۈچ يىل ئىلگىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئارزۇسىدىكى مەكتەپكە كېلىپ خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇدى.

بى شىنشىندىن باشقا، شىنجاڭدا شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي مەكتەپلەر تېخىمۇ كۆپ دۆلەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇشقا جەلپ قىلدى.

شىنجاڭ ئەتراپتىكى سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، ئادىمىيەت ۋە مائارىپ بايلىقى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بۇ ئەۋزەللىكلەر شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئالىي مائارىپ بويىچە چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىدىكى تەبىئىي ۋاسىتە بولۇپ قالدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم دۆلەت قاتلىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مائارىپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىش مېخانىزمى ئورناتتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر رۇسىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە كۇڭزى شۆيۈەنىدىن ئوننى تەسىس قىلغان، جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان. شىنجاڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان مائارىپ ئوقۇتۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش، ھېس قىلىش پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭگونى چۈشىنىدىغان، جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان، «جۇڭگو ساداسىنى تارقىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان» زور بىر تۈركۈم خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈردى.

خەلقئارا ھەمكارلىق دوستلار چەمبىرىكى سىجىل كېڭەيدى

يىڭنە سانجىپ ۋە داغلاپ داۋالاش، لوڭقا قويۇش، ئۇۋۇلاپ داۋالاش قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتى ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى نەق مەيداندا كۆردى ۋە ھېس قىلدى، يېقىندا، ئۆزبېكىستان تاشكەنت دۆلەتلىك تېببىي داشۆسى ئەنئەنىۋى تېببىي ئوقۇتۇش بويىچە تۇنجى ئۆمەكنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 4 - دوختۇرخانىغا ئەۋەتتى، ئۇلار ئىككى ھەپتىلىك ئەنئەنىۋى تېببىي تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلدى.

«جۇڭيى تېبابىتى ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى دۆلىتىمىزدە ناھايىتى ئالقىشلاندى، نۇرغۇن ئاغرىق جۇڭگوغا بېرىپ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە دىياگنوز قويۇپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ.» بۇ مەكتەپنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى تەرەپلىك چوڭقۇر ھەمكارلىق ئارقىلىق، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە داۋالاش، مائارىپ، پەن تەتقىقات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى خەلقئارادا تارقىتىشقا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى خەلقئارا پەن - تېخنىكا، مائارىپ ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشنى پائال كېڭەيتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 20دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى 70تىن ئارتۇق داشۆ، تەتقىقات ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۆزىنىڭ پەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى ھەمكارلىشىۋاتقان مەكتەپلەر ھاۋالە قىلغان تۈرلۈك مائارىپ تەربىيەسى، پىراكتىكا تۈرلىرىنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقئارادىكى دوستلارغا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالىي يېزا ئىگىلىك مائارىپى ۋە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، خەلقئارا ھەمكارلىق دوستلار چەمبىرىكىنى سىجىل كېڭەيتتى.

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2011 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر 25 دۆلەت ۋە رايون بىلەن 230 پارچىدىن ئارتۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت - سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەر تەرەپلىمىلىك، كۆپ ساھەلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغان. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەرگە يۈزلىنىپ ئىقتىساد - سودا، داۋالاش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە چەت ئەلگە چېتىلىدىغان تەربىيەلەش تۈرلىرىنى زىممىسىگە ئېلىپ، 1000غا يېقىن ئادەمنى تەربىيەلىگەن. جەمئىي 800دىن ئارتۇق ئۆمەك، گۇرۇپپىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەت ۋە رايونلارغا ئەۋەتىپ، كۆپ ساھە بويىچە ئىلمىي تەتقىقات، ئوقۇغۇچىلار ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، ئالماشتۇرۇش، خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش قاتارلىق ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان.

مائارىپ جەھەتتە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىندى

ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» مائارىپ يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تاشقى مائارىپ بويىچە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل كېڭەيتتى، ئالىي مەكتەپلەر شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا جىددىي كەمچىل بولۇۋاتقان كەسىپ ۋە نۇقتىلىق پەنلەرنى چۆرىدەپ، جۇڭگو - چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

2019 - يىلى، ئىلى سىفەن داشۆسىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى قۇرۇلدى. تۆت يىلدىن بۇيان، بۇ ئورۇن دۆلەت ھەم شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى نىشان قىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى توپلاپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەرگە قارىتا ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت تەرەققىياتى قاتارلىقلار توغرىسىدا يۈرۈشلۈك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قىممەتلىك ئەمەلىي تەجرىبە توپلىدى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 41 ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانىدىن تەركىب تاپقان يىپەك يولى ئاسىيا - ياۋروپا ئالىي مەكتەپلەر (كەسپىي مائارىپ) ئىتتىپاقىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇردى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رۇسىيە ئالتاي دۆلەتلىك تېخنىكا داشۆسى، قازاقىستان زەيسان تېخنىكا شۆيۈەنى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۆزئارا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى قارشى تەرەپتىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ ئالاقىدار كەسىپلەر بويىچە پىراكتىكا قىلىش، ئەمەلىي مەشىقلىنىشكە ھەمدە پەن تەتقىقات ساھەسىدە ھەمكارلىشىشقا ئەۋەتىپ، شىنجاڭدىكى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ خەلقئارالاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ھەمكارلىقى شەكلىنى كېڭەيتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايون تەتقىقاتى ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى داشۆ مۇدىرلىرى مۇنبىرى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، بىر قاتار خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ھەمكارلىق مۇنبىرى ئارقىلىق، كۆپ پەن، كۆپ ساھە بويىچە تاشقى ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى بېيىتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. جۇڭگو - رۇسىيە - قازاقىستان - موڭغۇلىيە ئالتاي رايونى ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بازىسى، شىنجاڭ داشۆ رۇس تىلى مەركىزى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى جۇڭگو - پاكىستان خەلقئارا مائارىپ مەركىزى قاتارلىقلار سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، مائارىپ ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەردىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى.

مائارىپ ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش. 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېچىلىدىغان 2023 - يىللىق ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى . مائارىپ خەلقئارا مۇنبىرى سۇپا بەرپا قىلىپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.