«جۇڭگو. شىنجاڭ قورۇمىلىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك توپلام پات ئارىدا بېسىپ نەشر قىلىنىدۇ

日期:2023年09月14日
来源:新疆日报
【字体:

  «جۇڭگو. شىنجاڭ قورۇمىلىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك توپلام بېسىپ نەشر قىلىش باسقۇچىغا كىردى. بۇ يۈرۈشلۈك توپلام شىنجاڭ قورۇمىلىرىنىڭ ناملىرىغا رەسمىي ئىزاھ بەرگەن بەلگە خاراكتېرلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتى بولۇپ، 100دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى، 100 نەپەر داڭلىق ئاشپەزنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن تەييارلىشى، 13 نەپەر مۇتەخەسسىس باھالىغۇچىنىڭ ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلىشى ئارقىلىق ئىككى يىلدا تۈزۈپ چىقىلدى.


  9- ئاينىڭ 10- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپىي جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپىي جەمئىيىتى شىنجاڭ ئاشپەزلىك جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭ قورۇمىلىرى توپلام سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېمەك- ئىچمەك ساھەسىدە تۇنجى قېتىم شىنجاڭ قورۇمىلىرىنى سىستېمىلىق يىغىنچاقلاپ خۇلاسىلەپ، خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئەنئەنىۋى خاسلىققا ئىگە قورۇمىلارنى مەركەزلىك خاتىرىلىگەن ۋە نامايان قىلغان، رەڭدار، يېڭىلىق يارىتىلغان قورۇمىلارنى توغرا خاتىرىلەپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، تارىختىكى شىنجاڭلىق ئاشپەز ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ھەم ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنىڭ تەرتىپلىك ۋارىسلىق قىلىشىغا ئىمكانىيەت تۇغدۇرغان، شىنجاڭ قورۇمىلىرىنىڭ «قورۇما بولسىمۇ سىستېمىسى بولماسلىق» تارىخىغا خاتىمە بەرگەن.

  توپلام شىنجاڭ قورۇمىلىرىنىڭ ئېنىقلىمىسى، مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى ھەم تارىخىي مەنبەسى، شىنجاڭنىڭ يېمەك- ئىچمەك تەرەققىيات تارىخى، شۇنداقلا، يېمەك- ئىچمەك تارىخىدا تۆھپە قوشقان شەخسلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە شىنجاڭ قورۇمىلىرى سىستېمىسىنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى ۋە ئانالىزى قاتارلىقلار بار.

  ئۇنىڭدىن باشقا، توپلامدىكى قورۇما بېتىگە يەنە ئاشخانا تونۇشتۇرۇش ئىككىلىك كودى قوشۇلغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر قىزىقىدىغان قورۇمىلارنى كۆرگەندە، ئىككىلىك كودنى سايىلىسىلا، ئاشخانا تونۇشتۇرۇشى، ئادرېسى، تاماق زاكاز قىلىش ئۇچۇرى قاتارلىقلارغا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشخانىنى تەشۋىق قىلىپ بېرىدۇ ھەم خېرىدارلارنى جەلپ قىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توپلامدا يەنە ئېسىل تائاملارنى داكا قىلىش خەرىتىسى قاتارلىق يېڭى ئېلېمېنتلار كۆپەيتىلىپ، توپلامنىڭ ئوقۇشچانلىقى، قىزىقارلىقلىقى ئاشۇرۇلۇپ، پەن- تېخنىكا تەركىبى ۋە دەۋر پۇرىقى ئاشۇرۇلدى. (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ)