ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شياۋداۋ كاڭيۈ بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年09月13日
来源:新疆日报
【字体:

​جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ياپونىيەلىك دوستانە زات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى شياۋداۋ كاڭيۈ بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شياۋداۋ كاڭيۈنىڭ ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شياۋداۋ كاڭيۈ ئەپەندى 40 يىلدىن بۇيان باشتىن - ئاخىر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى، بىز چوڭقۇر تەسىرلەندۇق، سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز. ھازىر، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، بىز «كىرگۈزۈش» «چىقىرىش» خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىمىز. شياۋداۋ كاڭيۈ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، قىممەتلىك پىكىرلەرنى كۆپرەك بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ياپونىيە بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلمەن.

شياۋداۋ كاڭيۈ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ بىرقانچە يىلدا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم، ياپونىيە جەمئىيىتىگە شىنجاڭنى پائال تەشۋىق قىلدىم، تونۇشتۇردۇم، خەلقئارادىكى شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قىسىم ساختا خەۋەرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىم. بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ جاينىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاش بىلەن بىللە، يەنە تېخىمۇ كۆپ جايلارغا بېرىپ ئايلىنىپ، كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىياتى، يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەدە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىمەن. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا، شىنجاڭنىڭ ئورنى ۋە رولى بارغانسېرى مۇھىم بولۇۋاتىدۇ. رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز تۆھپەمنى قوشىمەن.

سۈن خۇڭمېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شياۋداۋ كاڭيۈ ئۇزاقتىن بۇيان ياپونىيە بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ كەلدى، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش، قوغداش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە پائال قاتناشتى، ئىلگىرى شىنجاڭغا 150 قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەتكە كەلدى. بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، ئۇ ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق گۈزەل سەنئەت سارىيى، مۇزېي قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزى تەسىس قىلغان شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەدەنىيەت مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى، شىنجاڭ داشۆ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، يىپەك يولى بالىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئالاقىدار خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە قومۇل شەھىرىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى ھەمدە قىزىل مىڭئۆي، نىيە خارابىسى قاتارلىق مەدەنىيەت خارابىلىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش، قوغداش نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا ئىگىلەيدۇ.