تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قارلىق چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى قوغدىغۇچىلاردىن بولىمىز

日期:2023年09月13日
来源:新疆日报
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

«باش شۇجى بىزگە جاۋاب خەت قايتۇردى!» تاموژنىدا تاموژنا خادىملىرى ئۇنۋان تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە، بېيجىڭدىن كەلگەن بىر پارچە مۇھىم جاۋاب خەت ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىي چېتىدىكى پامىر ئېگىزلىكىنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈردى، قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرى خۇشاللىققا چۆمدى، ھاياجانلىق ھېسسىياتى سۆزى ۋە چېھرىدە ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدىكى تاغ چوققىسىدا يىل بويى قار يىغىلىپ تۇرىدۇ، ئوكسىگېن شالاڭ، تەبىئىي مۇھىتى ناچار، بۇ جاي «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» دەپ ئاتىلىدۇ. «بۇ <قونجىراپ تاموژنىسى>نىڭ ئەڭ شان - شەرەپكە چۆمگەن پەيتى، شۇنداقلا مەن ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايدىغان كۈن.» 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىمى ليۇ جېندۇڭ خىزمەت ئارىلىقىدا مۇخبىرغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توردا ۋە تور سىرتىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىغان مۇھىم جاۋاب خېتىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردى.

«قونجىراپ تاموژنىسى»، بۇ، بىر ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىسىم. «جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىكى نەمۇنىلىك تاموژنا» «مەملىكەت بويىچە خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ» «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» «مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك تەقدىرنامىسى» «مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى» «مەملىكەت بويىچە تاموژنا سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»...بۇ شان - شەرەپلەرنىڭ ئارقىسىدا، قونجىراپ تاموژنىسىدىكى تاموژنا خادىملىرىنىڭ 50 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزگەن سادىقلىقى، چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشى بار.

«مېنىڭ قونجىراپ تاموژنىسىدىكى تاموژنا خادىملىرىنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىشنى ئويلاپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ قارلىق چېگرا رايوندىكى دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ بىرىنچى سېپىگە كەلدىم.» 1996 - يىلى تۇغۇلغان ليۇ جېندۇڭ شاڭخەي تاموژنا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن، قونجىراپ تاموژنىسىدىكى تاموژنا خادىملىرىنىڭ خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاشتەك تەسىرلىك ھېكايىلىرى بۇ ياشنىڭ قەلبىدىكى ئوتنى تۇتاشتۇرغانىدى.

قونجىراپ تاموژنىسى تۇرۇشلۇق پورت دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز تاموژنا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش پورتى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز بىلەن پاكىستاننىڭ بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يول پورتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ بېرىش - كېلىشى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ئىككى تەرەپ خادىملىرى، ئاپتوموبىللىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش سانى يىلمۇيىل ئاشتى، قونجىراپ تاموژنىسىمۇ بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. خىزمەتداشلىرى بىلەن سەھەر سائەت 5كىچە ئىشلىگەن ئەلقەم شاكىر باش شۇجى شى جىنپىڭغا يېزىلغان خەتكە ئىمزا قويغان چاغدىكى ھېسسىياتىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايدۇ، «باش شۇجىغا بىزنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمىغانلىقىمىزنى، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلايدىغانلىقىمىزنى دوكلات قىلىشنى ئويلايمەن».

قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ 34 نەپەر تاموژنا خادىمىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فېڭ چياڭ باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى قايتا - قايتا ئوقۇدى. «ھەربىر سۆز - ئىبارىگە خەلق داھىيسىنىڭ تاموژنا خادىملىرىغا بولغان كۆيۈنۈشى ۋە ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن، دۆلەت ئۈچۈن تاموژنىنى قوغدىغىنىمدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىمەن» دېدى فېڭ چياڭ.

دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشتىن سىرت، فېڭ چياڭنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى بار − ياشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى. بۇ ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى دائىم ياش تاموژنا خادىملىرىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەش بىلەن بىللە، يەنە شۇ جاينىڭ ئوچۇق ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دوكلات يازىدۇ.

«بۇ يىل بىز جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو - پاكىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى، ئاقىل تاموژنا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەرىكىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، ئون نەچچە پارچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى تەييارلىدۇق» دېدى فېڭ چياڭ.

«ئەڭ ياخشى دەۋردە ياشاش، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىش، چەكسىز روھلىنىش.» قونجىراپ تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى لى جياڭلۇڭنىڭ بۇ جايدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى، ئۇ تاموژنا خادىملىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىغا، شۇ جاينىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، قارلىق چېگرا رايوندا دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە پائال كۈچ قوشىمىز.