شىنجاڭدىن بۇ يىل قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قېتىم سانى 10 مىڭدىن ئاشتى

日期:2023年09月13日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىن قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قېتىم سانى 10 مىڭ 17گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇشتىكى ئالتۇن يوللۇق رولى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قېتىم سانى تەدرىجىي كۆپەيدى.

بۇ يىل قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈشۈشى باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئايلىق قاتناش مىقدارى ئۇدا بەش ئاي 600دىن ئاشتى.

نۆۋەتچى پويىز ئۆتۈش مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، قورغاس ۋوگزالى قازاقىستان تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن بولغان ئۇچۇر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئالدىن تېلېگرامما يوللاپ ئەتىسى قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئۆتۈش پىلانى، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش - رېمونت قىلىش مەشغۇلاتى، تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولىدىغان ماللارنىڭ تۈرى، ۋاگون تۈرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى تەرەپنىڭ مەشغۇلاتنى جىپسىلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋاگون سەپلەش تەييارلىقىنى ياخشى قىلدى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش تارماقلىرىغا ۋاقتىدا ماسلىشىپ بېرىپ - كېلىپ قاتنايدىغان پويىزلارنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرۇق قايتىدىغان ۋاگونلارنى مۇۋاپىق پەيتتە كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، ۋوگزال، مەيدان، لىنىيەلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى جانلاندۇرۇپ، ۋوگزالنىڭ پويىز سىغدۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۆۋەتچى پويىزلارنى يۈك توشۇشقا تەشكىللەشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

جۇڭگودا ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ «سىرتقا چىقىشى»غا كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، قايتىدىغان نۆۋەتچى پويىزلار ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق جايلاردىكى كۆپ خىل مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ كەلدى.

«بۇ يىل پارچە ئاشلىق ئىمپورت مىقدارى بىر قەدەر زور بولۇپ، نۆۋەتتە توشۇلغان ئىمپورت ئاشلىق تۈرىدىكى مال 560 مىڭ توننا بولدى.» ئالاتاۋ ۋوگزالى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئىنژېنېرى لۇ خەيفېي مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، بۇ يىل ۋوگزالىمىز ئارقىلىق قايتقان نۆۋەتچى پويىز 1718 قېتىمغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي، ئارپا، گازىر قاتارلىق ماللارنىڭ توشۇلۇش مىقدارى بىر قەدەر زور بولدى.

تەييار ئوراپ قاچىلانغان بۇغداينىڭ پورتقا مەركەزلىك توشۇپ كېلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئالاتاۋ ۋوگزالى مۇناسىپ تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا قوللىنىپ، ۋاگونغا قاچىلاش - چۈشۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ، قاچىلاش - چۈشۈرۈش ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرى، ئادەم كۈچىنى ئالدىن يېتەرلىك تەييارلاپ، بىر گەۋدىلەشكەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مەشغۇلات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەييار ئوراپ قاچىلانغان بۇغداينى توشۇشقا تەشكىللەش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.