ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ سىپرۇستا زىيارەتتە بولدى

日期:2023年09月13日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ سىپرۇستا زىيارەتتە بولدى.

سىپرۇستىكى مەزگىلدە، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىكىلەر سىپرۇس ئەمگەكچى خەلق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئەمگەكچى خەلق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسى» دېيىلىدۇ)نىڭ باش شۇجىسى ستېفانوس ستېفېنۇ، ئەمگەكچى خەلق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ ئىقتىساد شۇجىسى، سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى نىكوس يۇنۇ، ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كوستاس كۇمىس، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي باش كاتىپى ئىمانۇئېلا لىمبرىنىدىس، نىكوسىيە شەھىرىنىڭ باشلىقى كونستاندىنوس يوكاچىس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى. سىپرۇس سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى كرىستودولوس ئانگاستىنىئوتىس بىلەن سۆھبەتلەشتى.

سىپرۇس تەرەپنىڭ سىياسىي ساھەسى، سودا - سانائەت ساھەسى قاتارلىق تەرەپتىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەتلەشكەندە ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - سىپرۇس ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن بولۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوستلار ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى ھەمراھلار، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئۆتۈش ئۈلگىسى. 2021 - يىلى، جۇڭگو بىلەن سىپرۇسنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى پەيتىدە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو - سىپرۇس مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى بىردەك قارار قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن سىپرۇسنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش ئۈچۈندۇر. ئەمگەكچى خەلق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسىدىكى مەسئۇل كىشى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمگەكچى خەلق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسى جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى دوستى بولۇپ، جۇڭگو - سىپرۇس دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە بېرىش - كېلىشنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى پارتىيە دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىر گۆھەر تۇپراق بولۇپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى روشەن، بايلىق ئۈستۈنلۈكى گەۋدىلىك، ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، ساياھەت بايلىقى مول. مەركىزىي ھۆكۈمەت، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ كەلدى. ھازىر، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلماقتا. سىپرۇس تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئۆزئارا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى، مۇنبەر ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئىقتىساد - سودا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، دوستانە شەھەر قاتارلىق ساھەلەر ھەم يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە جۇڭگو - سىپرۇس ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

سىپرۇس تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چىن كۆڭلىمىزدىن قايىل، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچىمىز بار، كېيىنكى قەدەمدە ساياھەت، سودا قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىمىز.

زىيارەت مەزگىلىدە، شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى سىپرۇس سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن ئالاقىدار ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. جۇڭگونىڭ سىپرۇستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ يەنتاۋ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل كىشىلەر، ئۆمەك بىلەن بىللە بارغان كارخانىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.